ب د ت قەدىمىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇشنى پىلانلىماقتا
2005.02.17
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش پروگراممىسى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى يىللىق يىپەك يولى پروگراممىسىغا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىلغان. پروگرامما بويىچە، قەدىمى يىپەك يولى ئۈستىدىكى رايونلاردىكى سودا ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىنىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينى تەرەققى قىلدۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ۋەكىلى خالىد مالىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەدىمىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش پروگراممىسغا خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى قاتنىشىدىكەن.
9600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەدىمىي يىپەك يولى، ئەسىرلەر ئىلگىرى ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان مەشھۇر سودا يولى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى بۇ سودا يولىدىكى بىر مۇھىم مۇساپە ھېسابلىناتتى.
ب د ت ئەمەلدارى خالىد مالىك قەدىمىي يىپەك يولى ئۈستىدىكى رايونلاردا سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، بۇ رايونلاردىكى نامراتلىق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)