ئۇيغۇر ئېلىدە يىراقتىن ئوقۇتۇش قوش تىللىق مائارىپ سىنىقى باشلاندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق يىراقتىن ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىن بولۇپ 16 جايدىكى مىللىي مەكتەپلەردە خىتايچە ئوقۇتۇشنى سىناق قىلدى.

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر يىراقتىن ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بويىچە، تۇرپاندىكى بۇيلۇقنىڭ نامى بىلەن تۈزۈلگەن خىتايچە ئوقۇتۇش دەرسلىكى بۇ جايلاردىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر تۇتاش ئۆتۈلىدىكەن.

سىناق قىلىنىدىغان جايلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئاساسلىق شەھەر، ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەردىن سىرت يەنە، جەنۇبتىن خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنداقلا بۇ جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار خىتايچە دەرسلىكتىن باشقا يەنە، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە ۋە كومپيۇتېر دەرسلىكلىرىنىمۇ ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر ۋاقىتتا تەڭلا ئالالايدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ باشلىقى ساتتار ساۋۇت، يىراقتىن ئوقۇتۇش مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار سېپىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)