ئۇيغۇر ئېلىدىكى 13 مىليون كىشى يود يېتىشمەسلىك خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە
2005.05.18
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە 13 مىليون كىشى يود يېتىشمەسلىك خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شەرقىدىكى كەمبەغەل رايونلاردا 8 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ 20٪ ئىدىن كۆپىدە قالقان تىپلىق بېزى يوغىناپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن.
مەزكۇر دوكلات 15 -ماي خىتاينىڭ 12 -نۆۋەتلىك "يود يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى" مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە، يوقارقى رايونلاردىكى 35 ناھىيە ھازىرغىچە يود يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كېسەللەرنى يوقۇتۇش نىشانىغىمۇ يەتمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى، دېڭىز-ئوكياندىن يىراق بولۇش ۋە تاغلار بىلەن قورشىلىپ تۇرۇش قاتارلىق جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن، يود ئېلىمىنتى بولغان دېڭىز ئوكيان نەم ئېقىمىنىڭ بۇ جايغا كېلىش ئىمكانىيىتى بولمايدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇ يەردىكى دېھقانلار يود تەركىبى مول بولغان راك ۋە دېڭىز يوسۇنى قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلمىغاچقا، ئۇلارنىڭ يودنى قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ تەسكە چۈشىدىكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان يود يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى خىزمىتى 1960 - يىللاردىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى كىشىلەردە كۆرىلىۋاتقان يود يېتىشمەسلىك ئەھۋالى خىتاي بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگىمۇ يەتمەيدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىنىڭگىت كېسەللىكى بايقالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھايۋانلارغا ئېغىز - تۇياق ياللۇغى تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەكلىگەن
- ئىلى ۋىلايىتىنىڭ چارۋا- ماللىرىدا جىددىي خاراكتېرلىك غەيرى تىپتىكى كېسەل تارالماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز ئۆرلىمەكتە