يود ماددىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە كېسەللىك پەيدا قىلماقتا


2007.05.21

گەرچە ئىچىملىك تۇزغا يود قوشۇش قۇرۇلۇشى 1995 - يىلىدىن بۇيان كەڭ قانات يايدۇرۇلغان بولسىمۇ، خىتايدا 100 مىليوندەك ئادەم يود ماددىسى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كېلىدىكەن. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ كوپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە چىڭخەي رايونىغا توپلاشقان ئىكەن.

شىنخۇا ئاخبارات تورىدا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇتنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كۆرسىتىلىشىچە، خەلقنىڭ يود قوشۇلغان ئىچىملىك تۇز سېتىۋېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يىلىغا 20 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ 4.5 مىليون ئادەمگە 5 يۈەندىن ياردەم قىلىشنى پىلانلىغان.

خىتايدا ھەر يىلى تۇغۇلىدىغان 20 مىليون بوۋاقنىڭ ئىچىدە 1 مىليونغىچە بوۋاق يود يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كېلىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20 ‏- مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي شەھەرلىرى ۋە دېڭىز بويىغا جايلاشقان رايونلاردا ئىقتىسادى يۈكسىلىش ناھايىتى زور بولغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى رايونلار مائارىپ ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى جەھەتتە بەك كەينىدە قالغان.

خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ماكانى، تىبەت ۋە چىڭخەيدە تىبەتلەر ۋە تۇڭگانلار ياشايدۇ. خىتايلار ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئېغىر باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادى يۈكسىلىشتىن بەھرىمان بولالمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.