ئاقسۇدا دېھقانلاردا يود كەمچىللىكىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ئەۋج ئالدى


2007.01.30

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇدىكى سەككىز ناھىيىدە جەمئىي بىر مىليون بىر يۈز مىڭدىن ئارتۇق دېھقان يود كەمچىل بولۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن.

ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا خەلقنىڭ پاكىز، ئۆلچەملىك سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ، يود يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە خاتىمە بەردۇق، يەرلىك كېسەللىكلەر كۆرىنەرلىك كونترول قىلىندى دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋە خوتەننى ئاساس قىلغان نامرات يېزىلىرىدا ياشاۋاتقان خەلق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆلچەمسىز، پاكىز بولمىغان ھەمدە يود ماددىسى كەمچىل سۇلارنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقتىن، يود يېتىشمەسلىك تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان پوقاق، نېرۋا ئاجىزلىققا ئوخشاش كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان. بولۇپمۇ ئاقسۇنىڭ باي ۋە ئۈچتۇرپان ناھىيىلىرىدە پوقاق كېسىلى قايتىدىن ئەۋج ئالغان بولۇپ، ھەتتا ئۈچ ياشلىق بالىلاردىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يود يېتىشمىگەن ئاممىنى يود بىلەن تەمىنلەش پىلانى بويىچە ھەر يىلى ھەر بىر ئىنساننىڭ يود مېيى قوبۇل قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشمىغان.

يود كەمچىللىكى تۆرەلمىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشى، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە تەرەققىياتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى، مېيىپ بولۇپ قېلىشى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.