خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە youtube ئىنتېرنېت پونكىتىگە كىرگۈچىلەرنى سۈرۈشتۈرگەن


2008-02-08
Share

ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان زاتلارنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرى ئۈرۈمچىدە youtube تور پونكىتىگە كىرىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ۋە چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە دائىر سىنئالغۇلارنى كۆرگەن ئۇيغۇر تورداشلىرىنى سۈرۈشتۈرگەن. ئۈرۈمچىدە چەتئەلدىكى تور بەتلەرگە دائىم كىرىپ تۇرىدىغان مائارىپ سېپىدىكى بىر زاتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ئۇ رابىيە قادىرنىڭ youtube دىكى ئۇيغۇرلارغا مۇراجەت، دېگەن سىنئالغۇسىنى كۆرگەنلىكى تۈپەيلى يېقىندا ساقچىلار بۇ كىشىنىڭ IP ئادرېسىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى ئۆيىگە ئىزدەپ كەلگەن ھەم youtube پونكىتىغا كىرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارغا مۇراجەت قىلماقتا.

خىتاي youtube تور پونكىتىنى ئاشكارا مەنئىي قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن شەخسلەرنىڭ تور پونكىتىغا سىنئالغۇ چاپلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. خىتاي نورمالدا تور پونكىتلىرىنى تىزگىنلەيدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالسىمۇ، لېكىن بۇ چەكلىمە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئىلىدە بىر قەدەر جىددىي يولغا قويۇلماقتا. رابىيە قادىر خانىمنىڭ youtube دىكى مۇراجىتى ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تارىخىدا كۆرۈش قېتىم سانى جەھەتتە رىكورد ياراتقان بولۇپ، 200 مىڭدەك ئادەم كۆرگەن. مۇراجەتنامە رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نۇتۇقلىرىدىن بىرى ئىدى.

يۇقىرىقى زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، youtube دە خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىدىغان سەزگۈر تېمىلاردىكى سىنئالغۇلارنى كۆرۈپ، خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلا بىرلا ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدىكەن. ئۇ، youtube نى كۆرگەنلىك تۈپەيلى ئۈزىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچە كىشىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ۋەقە خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى تەشكىلات چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىنتېرنېتنى تىزگىنلەپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن مەزگىلىدە يۈز بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت