ساججاد كەرىم ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى


2007.05.07

ياۋرۇپا پارلامىنتى ئەزالىرى شۇنداقلا ياۋرۇپا پارلامىنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى بولغان ساججاد كەرىم يېڭى ياۋرۇپا جۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى گۋەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى.

ئەنگىلىيىنىڭ ياۋرۇپا ئۈچۈن لىبىراللار ۋە دېموكراتلار ئىتتىپاقى پارتىيىسىنىڭ ياۋرۇپا پارلامىنتىدىكى ۋەكىلى بولغان ساججاد كەرىم "يېڭى ياۋرۇپا جۇرنىلىنىڭ'‏- 5‏- ماي كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان ماقالىسدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە سىياسىي بېسىمى ئۈستىدە توختىلىپ، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ھازىر گۋەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە گۋەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ساججاد كەرىم، " ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن گۋەناتنامو تۈرمىسىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىپىسى سۈپىتىدە گۋەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۈۋەنتانامودىن قويۇپ بىرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ 10 ئاي ئىچىدە ئالبانىيىگە، ياۋرۇپا جەمىئىيىتىگە ماسلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ساججاد كەرىم، "ئامېرىكا سوتلىرىدا گۋەنتانامودىكى مەھبۇسلارغا ئادۋوكاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسى مۇنازىرە بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش ئارقىلىق ھەم ئەخلاقىي ھەم قانۇنىي بىر خاتالىق تۈزىتىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.