ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھايۋانلاردىن تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى


2006-03-03
Share

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھايۋانلاردىن تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ھايۋانلاردىن تارقىلىدىغان زور كۆلەمدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پارتلاش ئېھتىمالى يەنىلا ئېغىر، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

"شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جىي ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇقتۇرۇشتا " نۆۋەتتە شىنجاڭ بويىچە زور كۆلەمدىكى ھايۋانلاردىن تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر. بۇ كېسەللىكنىڭ باھار پەسىلىدە يەنە پارتلاش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ " دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان رايون ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر رايوندا ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدىن بۇ يىلنىڭ باشلىرىغىچە پىچان، داۋانچىڭ، كۈنەس، پوسكام قاتارلىق 9 جايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە رايوندا ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەرلىك دائىرىلەردىن ھايۋانلاردا بايقىلىدىغان ئېغىز - تۇياق ياللۇغى ۋە قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى مەجبۇرىي ئىممۇنىتلاش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇقتۇرۇشتا ئەسكەرتىشىچە، ئاپتونوم رايوندا ھايۋانلارنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى ئىممۇنىتلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولمىغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھايۋانلارنى ئىممۇنىتلاشقا كېتىدىغان قوشۇمچە ياردەمنىڭ جايىغا يېتىپ بارمىغانلىقىدىن ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت