ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىك كۆپەيمەكتە


2007.07.16

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سەھىيە نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئاساس قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 10 خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

سەھىيە نازارىتىنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە، قول-پۇت ۋە ئېغىز-بۇرۇنلارغا ئەسۋە چىقىش ئەھۋالى ئىلگىرىكىدىن 6 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان ۋە قىزىل، كۆكيۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرىنەرلىك ئۆرلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، كېزىك، پاراتىف ۋە باشقا يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كېسەللىكىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، سەھىيە نازارىتى جايلاردىكى سەھىيە تارماقلىرىدىن، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى " كېسەللىكنىڭ كىرىش ئېغىزى" نى توسۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرى بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى، "ئىممۇنىتېتلاش خىزمىتىدە مۇئەييەن مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى" ۋە ياكى " ناچار تازىلىق ئادەتلىرى" دېگەندەك سەۋەبلەردىن ئىزدىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر كېسەللەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ زادى قانداق شەكىللەنگەنلىكى ياكى بۇ خىل ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسىي ئامىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئالدىن ئېلىشتىكى كونكرېتنى تەدبىرلەر ئۈستىدە توختالمىغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.