خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئېغىز، قول، پۇت ياللۇغلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى


2007.06.20

تەڭرىتاغ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزى يېقىندا، بېيجىڭدا ۋە باشقا ئۆلكىلەردە كۆرۈلگەن جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىمۇ ئېغىز، قول، پۇت ياللۇغلىنىدىغان بىرخىل يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان.

ئاگاھلاندۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك گەندە، تۈكۈرۈك، قولياغلىق، چىش چوتكىسى، ئويۇنچۇق قاتارلىقلار ئارقىلىق 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تىز يۇقۇپ، جىددىي ئىچكى ئەزا كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە يېمەك -ئىچمەك تازىلىقىنىڭ ناچارلىقى بىر چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالغان. خېرىدارلار ھازىر خىتايچە ماركىسى بار يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ بالىلار يېمەكلىرىنى سېتىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.