ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قىزىل بىلەن يۇقۇملانغان تۆت مىڭ بىمار داۋالانماقتا


2008.02.20

قىزىل ناھايىتى خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك. ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قىزىل كېسەللىكى تارقىلىپ كەتكەن. يەرلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،‏- دەپ يېزىلىدۇ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى بېيجىڭدىن يوللىغان خەۋىرىدە، ‏-‏ ئۆتكەن ئايدا قىزىل كېسەللىكى بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 10 بولۇپ، ھازىر يەنە 4000 بىمار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت 1995 ‏- يىلىدىن بۇيان قىزىل كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل يەنە تارقالغان.قىزىل كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار ئادەتتە ئسسىتمىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ، يۆتىلىدۇ، بەدەنلىرىدە ھەرخىل قىزىل بەلگىلەر پەيدا بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر قىزىل بىمارلىرىنى ھەقسىز داۋالايدىغانلىقىنى، قىزىل تارقالغان جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرنى ئۆزىنى دوختوردا تەكشۈرتۈشى لازىملىقىنى جاكارلىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.