مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخەن شەھرىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللى ئازادلىق فرونتىنىڭ رەئىسى، مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ روھىغا ئاتاپ مەۋلۇت ئۆتكۈزۈلدى. ميۇنخەندىكى “ مىللى كۆرۈش مەسچىتى” دە ئۆتكۈزۈلگەن مەۋلۇت، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 لاردىن 2:00 لەرگىچە داۋام قىلغان. مەۋلۇت جەريانىدا مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇران –كەرىم ۋە خەتمە-تىلاۋەت ئوقۇلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن باش كاتىپ پەرھات مۇھەممىدىلەر، يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھاياتى كەچۈرمىشى ھەققىدە مەۋلۇت جامائىتىگە مەلۇمات بەرگەن. دولقۇن ئەيسا، مەرھۇمنى پۈتۈن ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىقىغا بېغىشلىغان ھەقىقى مۇجاھىت دەپ تەرىپلىگەن. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى، 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھرىدە 84 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئۇ، ئىلگىرى 1944 – يىلدىن 1949 – يىلغىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كادىرى، خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەنىدى. 1960 – يىللاردىكى خىتاي-سوۋەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلاشقان يىللىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھىجرەت قىلغان ئىدى. مۇخلىسى، تاكى ۋاپات بولغىچە قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھىرىدە ياشىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى شەرقىي مىللى ئازادلىق فرونتىنى قۇرۇپ، ۋاپاتىغىچە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىدى. (ئەركىن)