خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە گۇئاڭشى قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەھۋالى ئېغىر بۇ ئىككى رايوندا زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىغۇچىلارغا خۇمار قايتۇرغۇچى مېتادېن دورىسى ئىشلەتمەسلىك ، بۇنىڭ ئورنىغا ئەنگىلىيىدە ئىشلەنگەن سابئوكسنېر، دەپ ئاتلىدىغان زەھەر قايتۇرغۇچى يېڭى دورا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
دورا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۇرغۇن زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىغۇچىلار خۇمار قايتۇرغۇچى دورا مېتادېننى خاتا ئىشلەتكەن شۇنداقلا بەڭگىلەرنىڭ مېتادېنغا خۇمار بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، بۇ ئەھۋالدا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئىلى ۋە گۇئاڭشىدا زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىغۇچىلارغا مېتادىن ئورنىغا سابئوكسنېر ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى ئىككى رايوندا سابئوكسنېرنى ئىشلەتكەندە يەنىلا دىققەتلىك بولۇشنى ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى بۇ دورا سىناق باسقۇچىدىكى دورا بولۇپ، سەھىيە ئورگانلىرى زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىغۇچىلارغا بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە ئۇلار بىلەن توختام تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى. مېتادېن خىتايدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىغۇچىلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2006-يىلغا قەدەر خىتاي بويىچە 36 مىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىغۇچى مېتادېن قوللانغان.
نۆۋەتتە خىتاي بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 460 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن گۇاڭشى جۇئاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر شۇنداقلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ رايونلار ھېسابلىنىدۇ. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ھۆكۈمەت تەرەپ ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش جەھەتتە خىتاي بۇيىچە 4 - ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)