كۈنمىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇلۇپ قالغان "ئاق تاماكىچى" ئاياللار مارالبېشىلىق بولۇپ چىقتى
2006.08.01
خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن گۇڭجۇغا زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ كېتىۋېتىپ كۈنمىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇلۇپ قالغان 25 نەپەر ئايالنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مارالبېشىلىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر رادىئومىزغا كۈنمىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مارالبېشىلىق ئاياللار ئىكەنلىكى ۋە ۋەقە توغرىسىدا كۈنمىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئىدارىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ۋە تۇتۇلغان ئاياللار توغرىسىدا بىر نېمە دىيىش ئۈچۈن تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. كۈنمىڭ ئايرودرومىدىكى ئامانلىق دائىرىلىرى 29 - ئىيۇل كۈنى يۈننەننىڭ ماڭ شەھىرىدىن يولۇچىلار ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ كۈنمىڭغا قونغان 26 نەپەر ئايالدىن زەھەرلىك چېكىملىك بايقىغاندىن كېيىن ئۇلارنى تۇتۇپ قالغان ئىدى. بۇ خەۋەر شۇ كۈنى ۋە ئەتىسى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى. كۈنمىڭ ئايرودرومىدىكى دائىرىلەر، 26 نەپەر ئايالنىڭ بىرى خىتاي مىللىتى بولغاندىن سىرت قالغانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە كۆپچىلىكى ھامىلدار ئاياللار بولۇپ، تۆتىنىڭ كىچىك بالىسى بارلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ۋەقە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەدىن ئۇيغۇرلارمۇ ھەيران قالماقتا. ۋەقەگە گۇمان بىلەن قارىغۇچىلار، "بۇ ۋەقەنى ئۇيۇشتۇرغان قارار گۇرۇھنىڭ بىر قېتىمدا بىراقلا 25 ئۇيغۇر ئايالنى بىر ئايرۇپىلاندا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەشكە سېلىشتا يەتمەكچى بولغان مەقسىدى كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ " دەپ قارىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كۈنمىڭ ئايرودرومىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇيدىغان 26 ئۇيغۇر ئايال بىراقلا تۇتۇلۇپ قالدى
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە، دەپ ئەيىپلىدى
- ئۇيغۇر ئېلى ئەتكەسچىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش قانىلىغا ئايلاندى
- زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرى كۆپەيمەكتە