زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرى كۆپەيمەكتە

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى رەسمى ئاخبارات تورلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، پاھىشىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە شەھۋانىي سورۇنلارنى قۇرۇش ئىشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.

خىتاي خەۋەر تورلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بىر كوللېكتىپ شەھۋانىي سورۇننى تازىلىغان بولۇپ، ھەتتا مەزكۇر جايدىن بىر قانچە نەپەر ساقچى خادىملىرىمۇ تۇتۇلغان ئىدى.

" شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ" ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 4-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى مەلۇم بىر قاۋاقخانىنىڭ خاس ھوجرىسىدا توپلىشىپ زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن 17 ئادەمنى قولغا چۈشۈرگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە باشقا بىر قاۋاقخانىنىڭ خاس ھوجرسىدىن، توپلىشىپ زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن 20 نەچچە ئادەم قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھازىر، ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم قاۋاقخانىلار ھەتتا رېستۇرانلار ئايرىم ھوجرىلارنى تەييارلاپ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە شەھۋانىلىق بىلەن شۇغۇللانگۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىپ، بۇ ئارقىلىق جەمىيەتنىڭ ئەھلاقى بۇزۇلۇشىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا تۈرتكە بولماقتا. (ئۈمىدۋار)