ئۈرۈمچىدە تېخنىك مەكتەپنىڭ 43 ئوقۇغۇچىسى كاربون مونوكسىد گازىدا زەھەرلەندى
2007.10.22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ قاتناش تېخنىك مەكتىپىنىڭ 43 نەپەر ئوقۇغۇچىسى شەنبە كۈنى بىر كەچلىك كۇلۇبنىڭ گېنىراتورىدىن چىققان كاربون مونوكسىد گازىدىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەھەرلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ قاتناش تېخنىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار جۈمە كۈنى كەچتە شۇ جايدىكى بىر كەچلىك كۇلۇبتا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن. شۇ كۈنكى پائالىيەتكە 120 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بېشى قېيىپ بىئارام بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك كۇلۇبنىڭ گېنىراتورىدىن چىققان كاربون مونوكسىدتىن زەھەرلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان. شۇ كۈنكى كەچلىك پائالىيەت جەريانىدا كەچلىك كۇلۇبنىڭ ئېلېكتىر توكى تۇيۇقسىز كېتىپ قالغاندىن كېيىن، كۇلۇب دائىرىلىرى كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر گېنىراتورنى ئىشلەتكەن ئىكەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دەي يىچياڭ ئىسىملىك بىر ئەمەلدارى، زەھەرلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئەمەسلىكى، لېكىن 20 دەك ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ تۈردىكى قازالارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىشقا كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي يەنىلا بىخەستەلىك ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك سەۋەبىدىن ناھايىتى كۆپ ۋەقە يۈز بېرىدىغان دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پىچان ئەتراپىدا زەھەرلىك تەبىئىي گاز قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى كۈنسېرى خۇنۇكلەشمەكتە
- خىتايدا بايقالغان خەتەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى مىڭ خىلغا يېتىدۇ
- سىنگاپور خىتايدا ئىشلەنگەن چىش پاستىلىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىدى
- خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان زەھەرلىك يېمەكلىكلەر ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا
- ئولىمپىكنىڭ مەسئۇل خادىملىرى خىتايدا يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىشنىڭ خەتىرى يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى
- سىچۇەندە گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتايدا بالىلار يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 9 كىشى نامەلۇم بىر خىل گازدا زەھەرلەندى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەسلى بالىلىرىنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى