ئاقتۇدا قويلارنىڭ ئالتۇن زاۋۇتىدىن چىققان سۇدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى


2004.08.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى مۇجى يېزىسىدا يېقىندا ئالتۇن كاندىن چىققان كېرەكسىز سۇنى ئىستىمال قىلغانلىقتىن 100 توياقتىن ئارتۇق قوي زەھەرلىنىپ ئۆلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ئاينىڭ 8 - كۈنى مۇجى يېزىسىدىكى بىر دېھقان قويلىرىنى يايلىتىۋاتقاندا، قويلار مۇجىيەن ئالتۇن كانىدىن چىققان سۇلار قويۇپ بېرىلگەن كۆلچەكتىكى سۇنى ئىچىپ، ئىككى سائەتتىن كىيىن بىر نەچچە قوي ئارقا- ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. 25 - ئاۋغۇستقىچە ئۆلگەن قويلارنىڭ سانى 117 گە يەتكەن.

مەزكۈر دېھقان بۇ ئىشنى يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، مۇھىت ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرى ئالتۇن زاۋۇتى كېرەكسىز سۇلىرىنى قويۇپ بېرىدىغان كۆلچەكتىن ۋە ئەتراپىدىكى تۇپراقلاردىن ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرگىنىدە، بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيىلىك بىرىكمىنىڭ بارلىقى بايقالغان.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۈر مۇجىيەن ئالتۇن كېنى 1994 - يىلى قۇرۇلغان ۋاقتىدىلا كان ئىچىشتا ئۆتكۈر زەھەرلىك كاربونلۇق بىرىكمىنى ئىشلەتكەن. ئۆتكەن يىلى 8 - ئايدا ئاقتۇ ناھىيىلىك كان ئېچىش شىركىتى مۇجىيەن كۆمۈر كانىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كىيىن، كاندىكى قالدۇق ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلگەن تەركىبىدە زەھەرلىك كاربونلۇق بىرىكمە بار سۇلار كېرەكسىز سۇ كۆلچىكىگە قويۇپ بېرىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى خەۋەردە، بۇ خىل زەھەرلىك سۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە تۇپراقلارغا سىڭىشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە قانچىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.