تېكەستە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ 3 ئايال قازا قىلدى


2006.04.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيىسىدە شەنبە كۈنى يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 كىشى قازا قىلغان. شۇنداقلا ھازىر 17 كىشى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 4 ى ھازىرغىچە خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىكەن.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، دەسلەپ خەيرىنىسا ئىسىملىك بىر ئايال ئۆيىدە يېگەن بىر ۋاق تاماقتىن كېيىن زەھەرلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. نەتىجىدە شەنبە كۈنى ئۇنىڭ نەزىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە كەلگەن 20 گە يېقىن ئايال نەزىردە يىگەن نەرسىلىرىدىن زەھەرلىنىپ شۇ يەردىلا ئاغرىپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نەزىر بولغان ئۆينىڭ ئىگىسى ئۇلارنى سۈتلۈك چاي، نان ۋە پىشۇرۇلغان توخۇلار بىلەن كۈتكەن ئىكەن. مېھمانلار بۇ نەرسىلەرنى يەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بېشى قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، دېمى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ ئاياللارنىڭ چوڭى 78 ياشتا كىچىكى 27 ياشتا ئىكەن.

تېكەس ناھىيىلىك جىددىي كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ھازىر ئۇلار ئىستىمال قىلغان سۈتلۈك چاي، تۇز، نان ۋە توخۇلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.