ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئالدىنقى كۈنى يەسلى بالىلىرىنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىڭ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 16 بالا دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى خىتاي مەكتەپلىرىدىكى يېمەكلىكلەرگە ھىدروگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىپادىلەيدىغان يەنە بىر ھادىسە، دەپ كۆرسەتتى. خەۋەردە ۋەقە يۈز بەرگەن يەسلىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىدى، لېكىن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، زەھەرلەنگەن بالىلارنىڭ 2 ياشتىن 5 ياشقىچە ئارلىقتا بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا بالىلار چارشەنبە كۈنى كەچلىك تامىقىغا پۇرچاق يېگەندىن كېيىن بىئارام بولۇشقا باشلىغان. بەزى بالىلار دوختۇرخانىدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن بىر بالىنىڭ سالامەتلىكى يەنىلا ئېغىر ئەھۋالدا تۇرماقتا.
يەسلى بالىلىلىرىنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى خىتايدا كۆپ ئۇچۇرايدىغان ھادىسە بولۇپ قالدى. بۇ ئاينىڭ باشلىرى گۇئاڭجۇ شەھىرىدە 50 تەك ئوقۇغۇچى ۋە 2 ئوقۇتقۇچىنىڭ پۇرچاق سۈتى ۋە قىزىل پۇرچاق تورتى يىگەندىن كېيىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن سىچۈئەندە 100 دەك يەسلى بالىسى تاماقتىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغان. (ئەركىن)