ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالار شەھىرىدىكى بىر بىنادا ئولتۇرىدىغان 9 كىشى ھازىرغىچە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان سىرلىق گازدا زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى.
ئىنتېرفاكس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، ئالار شەھىرىدىكى يەرلىك دوختۇرخانا دائىرىلىرى 9 كىشىنىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 5:00 دىن 8: 00 گىچە ئارىلىقتا بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلاشقانلىقىنى ۋە ياندۇرغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن بىنادا ئولتۇرىدىغان بىر ئايال ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ساقچىلار بىنادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ گازدىن زەھەرلەنگەن يەنە 7 كىشىنى قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا گازدىن زەھەرلەنگەن 2 كىشى ھۇشسىز ھالاتتە بايقالغان. يەرلىك دائىرىلەر ۋەقەگە گېنېراتوردىن چىققان زەھەرلىك گازنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇ گۇماننىڭ توغرا ئىكەنلىكى تېخى ئىسپاتلانمىغان. دوختۇرخانا دائىرىلىرى كېسەللەرنىڭ قايسى خىلدىكى گازدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلمىدى.
ئالار شەھىرى بۇرۇن شىنجاڭ ئىشلەپچىرىقىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە تەۋە بىر پولك ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن بىڭتۈەننى كۈچەيتىش باھانسىدە بۇ جاينى شەھەر دەرىجىسىگە كۆتەرگەن. (ئەركىن)
