مارالبېشى ۋە يېڭىسار ناھىيىسىدىن 12 نەپەر ئۇيغۇر دېھقان گازدىن زەھەرلىنىپ قازا قىلدى


2007.12.06

5‏- دېكابىر كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ شامال ئورمان مەيدانىدىكى دالاغا تىكىلگەن چېدىر ئىچىدە گازدىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، 12 كىشى قازا قىلغان، 2 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، قازا قىلغان ۋە ھۇشىنى يوقاتقان 9 كىشىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىن، 5 نىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا تەۋە ئەمەسلىكى، قوللىرىدا چۈچۈك بۇيا كولاش رەسمىيىتى بولمىغان، قانۇنسىز ھالدا قىممەت باھالىق دورا ئۆسۈملۈكىنى ئوغرىلىغۇچىلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى مىللەتلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

بۇ ئارىدا كىشىلەر ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىپ، گازدىن زەھەرلەنگەن 12 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشسىز ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان، تۇرمۇشىنى قامدىيالمىغان نامرات دېھقانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى گازدىن زەھەرلىنىش ھادىسىسىدىن مەيدانغا كەلگەن 12 ئادەمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دورا ئۆسۈملۈكى بولغان چۈچۈك بۇيا، ئۇيغۇر ئىلىدىن چەت ئەللەرگە كۆپ مىقداردا ئېكىسپورت قىلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى، مۇشۇ خىل دورا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بىللە يەنە، ئالتۇن، قاش تېشى قاتارلىق مەدەن بايلىقلىرىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق پۇل تاپىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.