خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 50 كۈنلۈك "قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى باشلىدى
2004.09.23
خىتاينىڭ -1 ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كېلىش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 50 كۈنلۈك " قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.
" شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق " قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى" 8- ئاينىڭ ئاخىرىلىرى باشلىنىپ، 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋام قىلىدىكەن. ھەمدە بۇ ھەرىكەت ئاساسلىقى خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى باشلاپلا ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ، 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 15- گىچە بولغان ئارىلىقتىلا، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە 3 مىڭدىن ئوشۇق دېلونى پاش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئىدارىلىرىغا تېلېفون ئاچقىنىدا، ئۇلار بۇ مەخپىي رازۋېتكا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە )
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا "قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش" ھەرىكىتى قايتا باشلاندى