ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى يېقىندا 2 چوڭ نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى بىر يىلدا " 3 خىل كۈچ " كە ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىكى جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى.
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بەلگىلىمە 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا " 3 خىل كۈچ " بىلەن ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.
يىغىندا يەنە، " 3 خىل كۈچ " لەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق تەھدىت بولۇپ، ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ھېسابلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ، شۇ سەۋەبتىن ھەر قايسى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش ۋە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، بۇ كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاينىڭ " 3 خىل كۈچ " كە زەربە بېرىش دىگىنى تېررورچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي رادىكالغا قارشى تۇرۇشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ بۇ نام بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ھەر تەرەپتىن باستۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىمەكتە. (پەرىدە)