خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى مەتبە بويۇملىرىغا نۇقتىلىق زەربە بەرمەكتە


2008-01-24
Share

خىتايدا شەھۋانىي تۈس ئالغان ئېنتېرنېت تور بەتلىرى ۋە مەتبە ، ئۈن سىن بويۇملىرى كەڭ كۆلەمدە يامراپ كەتكەن بولۇپ ،خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بۇيىچە 'شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىش" ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، سېرىق بويۇملارنى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى' قوزغىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ ھەرىكەت بولسا يەنىلا "قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىغا زەربە بېرىش" دېگەن نام ئاستىدا سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر كىتابلار-ژۇرناللار ۋە دىنىي مەزمۇندىكى نەشر بويۇملىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئاختۇرۇپ تازىلاشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

2008‏- يىلى كىرىشنىڭ ئالدىدا خىتاي بۇيىچە 21‏- قېتىملىق سېرىق ھەم قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت بۇيىچەتارقاتقان، شەھۋانىي ۋە قانۇنسىز بويۇملارغا زەربە بېرىش ھۆججىتىگە قاراپ باقساق، ئۇنىڭدا مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 21 ‏- قېتىملىق بۇ ھەرىكەتتە نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانى تۆت تۈرگە قارىتىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئاساسلىق مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىنى، تۈرلۈك قانۇنسىز كۆپەيتىلگەن مەتبە بويۇملىرىنى، ئېنتېرنېتتە شەھۋانىيلىقنى تەشۋىق قىلىشنى، قانۇنسىز بېسىپ تارقىتىلغان گېزىت ‏- ژۇرناللارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چەكلەشنى مۇھىم خىزمەت نۇقتىلىرى دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز دىنىي ھەم سىياسىي نەشر بويۇملىرىنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا

ئەمما ، يىللاردىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ، بۇ خىل شەھۋانىي ھەم قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىنى تازىلاشتىكى قاتتىق زەربە بېرىش نىشانى شەھۋانىيلىقنى تازىلاشقا قارىتىلغان بولماستىن ، يەنىلا نوقتىلىق ھالدا قانۇنسىز دىنىي ھەم سىياسىي نەشر بويۇملىرىنى تازىلاشقا قارىتىلماقتا . ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يېڭى يىلنىڭ بېشىدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قاتلاملىرىغا " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىككى يىغىن ۋە چاغان بايرىمى ھارپىسىدا سىياسىي ھەم دىنىي مەزمۇندىكى قانۇنسىز بويۇملارغا نوقتىلىق زەربە بېرىش" ئوقتۇرۇشىنى تارقاتقان بولۇپ ، جايلاردا ھازىر جامائەت خەۋپسىزلىك ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىدىن باشقا ، مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار دائىرىلىرى بىرلىكتە سىياسىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى كىتاب ، مەتبە بويۇملىرىنى ئاختۇرۇپ تازىلاشنى باشلىۋەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 17‏- يانىۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەخسۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەھۋانىي ھەم قانۇنسىز بويۇملارنى تازىلاش توغرىسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە قارىىتىلغان ھۆججىتىنى يەتكۈزۈش يىغىنى ئاچقان بولۇپ ، ھۆججەتتە شىنجاڭدا سىياسىي مەزمۇندىكى ۋە دىنىي مەزمۇندىكى قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ قاتتىق زەربە بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئايرىم تەكىتلەنگەن . شەھۋانىي ۋە قانۇنسز مەتبە بويۇملىرىنى تازىلاش بولسا ھۆججەتتە ئاخىرقى تۈرلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى لى يى ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىغا زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى تەكىتلەپ " ھازىر رايوندا سىياسىي مەزمۇندىكى ھەم قانۇنسىز دىنىي مەزمۇندىكى مەتبە نەشر بويۇملىرى ئىنتايىن يامراپ كەتتى ، ۋەزىيەت جىددىي ، شۇڭا بۇ جەھەتتە داۋاملىق سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىدىن باشلاپ قاتتىق تۇتۇپ زەربە بېرىش كېرەك" دېگەن. ھەمدە 2007‏- يىلىدا ئۇيغۇر ئېلى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنسىز ۋە شەھۋانىي بويۇملارغا زەربە بېرىشتە سىياسىي ھەم دىنىي مەزمۇندىكى ۋە شەھۋانىي نەشر بويۇمىدىن بىر مىليون 820 مىڭىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنىڭ 59 مىڭ ئادەمگە يەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلى شەھۋانىي ۋە قانۇنسىز بويۇملارغا زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ مەملىكەت بۇيىچە ئىلغار بولۇپ باھالانغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇيغۇر ئېلى مەدەنىيەت بازارلىرىدا شەھۋانىي نەشر بويۇملىرى يامراپ كەتتى

يېقىندىن بۇيان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان سىياسىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى قانۇنسىز بويۇملارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بەزى جايلاردا قۇرئان كەرىم قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ دىنىي كىتابلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە كۆيدۈرۈشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەر قايتىلىنىۋاتقان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز سىياسىي ۋە دىنىي بويۇملارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانداق يوسۇندا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ، يېقىندا ياۋرۇپاغا چىققان بىر ئۇيغۇر بىلىدىغانلىرىنى سۆزلىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت