بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ خارەكتىرلىرى
2006.04.07
بارىن ھەركىتى،80-يىللاردىن كەيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەلىپ بارغان، كۆلىمى ۋە تەسىرى چوڭ بولغان قوراللىق ئىنقىلابى ھەساپلىنىدۇ.شۇڭا بۇ ئىنقىلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۇنكى زامان سىياسى تارىھىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇيغۇرلار بارىن قوراللىق ھەركىتىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۇسۇپنى ئۆزلىرىنىڭ تارىھتىكى مىللى قەھرىمانلىرى قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ ۋە ياد ئەتىدۇ. بارىن ئىنقىلابىنى بولسا ئۆزلىرىنىڭ كۆزىنى ئاچقان ۋە كېيىنكى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەلىپ بەرىلغان ھەر ھىل شەكىلدىكى ھەركەتلەرگە كۇچ ئاتا قىلغان ئىلھام بولىقى بولغان ھەركەت،دەپ باھا بەرىدۇ.زەيدىن يۇسۇپنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا، قانداق شەھىت بولغانلىقى،ئۇنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالى ۋە كىشىلىك پەزىلەت ھارەكتىرلىرى قاتارلىقلار، يەنىلا ئۇيغۇرلار قىزىقىدىغان تىمىلارنىڭ بىرى. بىز بۇ ھەقتە كانادادا ياشاۋاتقان، زەيدىن يۈسۈپنىڭ يەقىن سەبدىشى، ئابلەت نۇر ئەپەندىگە مۇراجەت قىلدۇق.
ئابلەت ئەپەندى زەيدىن يۇسۇپنىڭ ئىنقىلاپ جەريانىدا دۇشمەنىنىڭ قولىغا تىرىك چۈشمەستىن، قەھرىمانلىق بىلەن شەھىت بولغانلىقى،ئوز ۋاختىدا ئۇنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگۇنۇپ ئۆزىنى يەتىلدۇرگەنلىكى ۋە زېھنى كۇۋىتىنىڭ ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ يەنە تەبلىق نۇتقلىرىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنى قوڭقۇر ئويغا سالىدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇردى. (كانادادىن كامىل تۇرسۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسمايىل سەمەتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە
- ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىلنى قولغا ئالدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر سۇ ئامبىرىدا سۇنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن 150 توننا بېلىق ئۆلگەن
- ئىسمايىل تىلىۋالدى: چېگرا ھالقىغان دىنىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز









