دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جاۋ زىياڭغا باھا بەردى
2005.01.18
خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەمدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى ماختاۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئىككى قېتىم باستۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرۇشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ھەمدە 15 يىل ئۆيىدە نەزەر بەند ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدە ۋاپات بولغان. خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ئۇنى خىتايدا دېموكراتىيە ۋە سىياسىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان دەپ تەرىپلىگەن.
بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، جاۋ زىياڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلغىنى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە پەرقلىق پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، جاۋ زىياڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1985 - يىلى ۋە 1988 - يىلى شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان. بۇ جاۋ زىياڭنىڭ ھەقىقىي دېموكراتچى ئەمەس، بەلكى مىللەتچى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ئاخىرىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەھبەرلىرىنى مۇشتۇمزور مىللەتچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دېموكراتىك ۋە قانۇنىي يوسۇندا بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ ئۆلدى
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سابىق باش سىكرېتارى جاۋ زىياڭ ئۆلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " خەلق ۋەكىللىرى" نى قاتتىق ئەيىپلىدى
- د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى
- د ئۇ ق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى
- د ئۇ ق گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەتلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى