قازاقىستان پرىزدېنتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنى زىيارەت قىلىدۇ


2004.09.17

قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قالىبۇزانوف ئالدىنقى كۈنى قازاقىستان ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ ، قازاقىستان پرىزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 9 - ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

قالىبۇزانوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، نازاربايېفنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى زىيارىتى قازاقىستان پرىزدېنتىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئېلىپ بارغان خىتايدىكى زىيارىتى جەرىيانىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىمزالىغان كېلىشىملەرگە ئاساسەن ئەمىلىلىىشىدۇ . قالىبۇزانوف ، نازاربايېەنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى خىزمەت زىيارىتى 9 - ئاينىڭ 24 ۋە 25 - كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . خىتاي مەتبۇئاتلىرى قازاقىستان پرىزىدېنتىنىڭ زىيارىتى خىتاي - قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىرگىيە ، تەبئىي گاز ۋە ئېلىكتىر كۈچى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى مەخسەت قىلىدۇ دەپ كۆرسەتمەكتە .

نازاربايېف ئۇيغۇر ئىلىدىكى زىيارەت جەرىيانىدا ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى مۈمكىن . ئۇ يەنە قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قورغاس چىگرا سودا ھەمكارلىك مەركىزىنى قۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇرتاسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ . قازاقىستان خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى شېرىكلىرىنىڭ بىرى . بىراق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى بىر مىليونغا يېقىن قازاقنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ ھازىرغىچە ھەل بولماي كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت ئىلى دەرياسى بىلەن ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۇيىنى تەقسىم قىلىش مەسىلىسىدىىكى ئىختىلاپلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋېتىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.