ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىدە قەشقەرغىچە بارماقچى


2005.08.10

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ 19 -ئاۋغۇستتىن 21 - ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى مىندىي لارمور خانىمنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەپىرىدە ئۈرۈمچىدىن سىرت يەنە، قەشقەرغىمۇ بارىدىكەن. شۇنداقلا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى قەشقەردىكى زىيارىتىدە ھېيتكاھ مەسچىتىنى كۆزدىن كۆچۈرىدىكەن ھەمدە مەسچىت ئىماملىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇرئېلىدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى بىلەن ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ مۇدىرى، جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى دىنلار ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1998 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە يىلدا بىر دوكلات ئېلان قىلىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.