بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلار ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى


2005.09.02

يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ زىيارەت ئېقىمىغا ئۇچراۋاتقان بىر چاغدا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ھىندىستان قاتارلىق 18 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلغان بىر چەتئەل ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي ئەمەلدارلار ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى 31 - سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، 3 كۈن داۋام قىلغان. ئۇلار زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى جاڭ يۇمىڭ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ شىتاب باشلىقى جاڭ بىڭلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئەمما مەتبۇئاتلار چەتئەل ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاڭ بىڭ ۋە جاڭ شيۇمىڭلار بىلەن نېمىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارەت كۈنتەرتىپىنى تىلغا ئالمىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، جاڭ بىڭ پەقەت شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. 18 دۆلەت ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيارىتى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن، ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.