20 يىل بۇرۇن 3 بالىسىنى قۇرئان كۇرسىغا بەرگەن ئايشەمخان ئابدۇللا 21 يىللىق كېسىلگەن

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئايشەمخان ئىسىملىك 60 ياشلىق بىر ئايالنىڭ 3 بالىسىنى 20 يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئائىلە دىنىي مەكتىپىگە بەرگەنلىكى ئۈچۈن 21 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ ئېغىر جازا ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى، ئۆزى خىزمەت ئىشلەۋاتقان مەزگىللەردە خىتاي تەرەپنىڭ ئۆز ئىجرااتلىرىدىكى قانۇنسىزلىقنى پەردازلاشتا ئۇرۇنۇپ باقىدىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا، ھەرقانداق بىر ۋەھشىيلىكنى ئاشكارا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

غۇلجىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قارىياغاچ يېزىسىدىكى ئايشەمخان ئابدۇللا ئىسىملىك ئايالنىڭ 21 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر يېزىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، مەزكۇر ئايال بۇنىڭدىن 20 يىللار بۇرۇن شۇ چاغدا ئۆسمۈر ياشلاردىكى 3 بالىسىنى مەھەللىدىكى بىر ئائىلە دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇتقان. دېيىلىشىچە دائىرىلەر، 2017-يىلدىن كېيىن غۇلجىدا دىنىي ساھەدە ھەر بىر بالا ئوقۇتقانغا 7 يىللىقتىن قاماق جازاسى بەرگەن. بۇ دېلو ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان، نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى، بۇنىڭ سوت ئورۇنلىرى چىقارغان قانۇنىي بىر ھۆكۈم ئەمەس، پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي-قانۇن كومىتېتى چىقارغان ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يولۋاس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭدىن چۈشكەن بۇيرۇقتا، يالغۇز تۇتۇلۇشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ سانىلا ئەمەس، ئېغىر جازالىنىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئالدىن بېكىتىلگەن. شۇنداق بولغاچقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى «بىر بالا ئوقۇتقانغا 7 يىل» قاتارلىق جازا ئۆلچەملىرى بېكىتىش ئارقىلىق ۋەزىپىسى ئورۇندىغان.

ئىلگىرى مەزكۇر يېزىدىن ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا خۇرشىدە ئىسىملىك بىر ئايالنىڭمۇ، ئىككى بالىسىنى دىندا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 14 يىل، ئۆزى قانۇنسىز ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 4 يىل بولۇپ جەمئىي 18 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

يولۋاس ئەپەندى، خىتاينىڭ بېيجىڭدىن چۈشكەن «باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇرۇش، يىلتىزىدىن قىرقىش، بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش» قاتارلىق قاتتىق زەربە بۇيرۇقلىرىنىڭ يەرلىك دائىرىلەرنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى ۋە مۇشۇ ئېغىر جازالارغا ئېغىر جازالارغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قارىياغاچ كەنتىدىكى مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ دېيىشىچە، ئايشەمخان ئابدۇللانىڭ يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرى بۇ جازا ھۆكۈمىدىن كېچىكىپ خەۋەر تاپقان ۋە خەۋەر تاپقاندىن كېيىنمۇ، بۇ جازا ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرەلمىگەن.

سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 2000-يىللاردىمۇ بۇ خىل ئېغىر جازالارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئەمما جازا ھۆكۈمىنى مەخپىي ۋە ساختا سوت ئېچىپ ۋە ياكى بىر ئۇقتۇرۇش يوللاپ ئائىلىسىگە بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ھۆكۈم نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەققى بارلىقى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن يىللار بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى سېلىشتۇرۇپ، ئەينى چاغدىمۇ قانۇنسىز ئىجرائاتلارنىڭ ئېغىر ۋە كەڭ-كۆلەملىك ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇ چاغدا، بۇ قانۇنسىزلىقنى پەردازلاشقا تىرىشىپ باقىدىغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا ئوچۇق-ئاشكارا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەندە ئاشكارىلانغان «كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دىمۇ، ياشتا 60 تىن ئاشقان ۋە 10 نەچچە يىل ئاۋۋال پەرزەنتلىرىنى ئائىلە دىنىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ھەتتا ئېغىر كېسىلگەنلىكى ھەققىدە كۆپ ساندا دېلولار كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ھۆججەتلەردىمۇ، تۇتقۇننىڭ قانۇنسىزلىقىنى كۆرسىتىدىغان تەپسىلاتلار پەردازسىز ھالدا خاتىرىلىنىدۇ.