قەشقەردىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى: «قوشنىلىرىدا ‹تاھارەت ئالدى› دېگەن گۇمان تۇغدۇرماسلىق ئۈچۈن ئاھالىلەر ئىككى يىلدىن بۇيان يۈزىنى يۇمايۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.09.07
Zumret-Dawut-Shahitliq-20190924.jpg زۇمرەت داۋۇت خانىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدىكى يىغىندا شاھىتلىق بەرمەكتە. 2019-يىلى 24-سېنتەبىر. نيو-يورك، ئامېرىكا.
Social Media

ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلار تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ناماز ئوقۇغانلا كىشىنىڭ دىنىي ئەسەبىي دەپ قارالغانلىقى ۋە دائىرىلەرنىڭ ناماز ئوقۇغانلارنى بايقاش ئۈچۈن قوشنىلارنى بىر-بىرىگە پايلاقچىلىققا سالغانلىقى مەلۇم. قەشقەردىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى ئۆزى ياشاۋاتقان يېزىدا ئاھالىلەرنىڭ قوشنىلىرى تەرىپىدىن «تاھارەت ئېلىۋاتىدۇ» دەپ گۇمانلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن 2 يىلدىن بۇيان يۈزىنى يۇماي ناشتىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر ئون ئائىلە تۈزۈمىنىڭ ۋە لاگېر ئەندىشىسىنىڭ ئاھالىلەرنى مۇشۇ دەرىجىدە ئۈركۈتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا ئۇيغۇر رايونىدا «ئون ئائىلە تۈزۈمى» تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ قاتتىق يولغا قويۇلغان. بۇ تۈزۈمىنىڭ تەلىپى بويىچە ئائىلىلەر بىر-بىرىنى كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلىشقا، بايقىغان «خاتالىق» لاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ۋە قالدۇرغان خاتىرىسىنى مەھەللىدىكى پاش قىلىش ساندۇقىغا ھەر دۈشەنبە كۈنى تاشلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. بىر ھەپتە ئىچىدە ھېچقانداق مەسىلە پاش قىلمىغانلار «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دەپ قارىلىپ، كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان. بۇ ئەھۋال بەزى ئاھالىلەرنى قوشنىلىرىدىن قەستەن مەسىلە تېپىشقا مەجبۇرلىغان. بەزى جايلاردا ئاھالىلەر سەھەررەك ئورنىدىن تۇرۇپ قولىغا چۈگۈن ئالغانلا قوشنىسىنى «تاھارەت ئالدى» دەپ كەنتكە مەلۇم قىلغان. بۇ مەلۇمات ئاھالىلەرنىڭ سوئال-سوراقسىزلا لاگېرغا ئېلىپ كىتىلىشىگە سەۋەب بولغان.

قەشقەردىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئالامەتلىرىنى تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كونكرېت ۋەزىپىسىنىڭ مەخسۇس قوشنىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇغان-ئوقۇمايۋاتقانلىقىنى كۆزىتىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دېيىلىشىچە، ئۇ بۇ كۆزىتىشنى سەھەردە قوشنىلىرىنىڭ ھويلا ئىچىدىكى ئىش-ھەركىتىگە سەپ-سېلىش شەكلىدە داۋاملاشتۇرغان. ئۇ بۇ خىل كۆزىتىشنى يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنداق قاتتىق تۈزۈمنىڭ ياخشى نەتىجە بەرگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ تۈزۈمگە «ئاڭلىق» ھالدا بويسۇنىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ ئون ئائىلە باشلىقى ئۆزى ۋە تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ خاتا گۇمانلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى يىلدىن بۇيان يۈزىنى يۇماي ناشتىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كەنت كادىرلىرىمۇ ئاھالىلەرنى «تەربىيەلەش» كە كېتىپ قالماسلىق ۋە قوشنىلار بىر-بىرىدىن رەنجىشمەسلىك ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر سەھەردە يۈزىنى يۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ خىل بىر ئون ئائىلە پايلاقچىلىق تۈزۈمىدە بەزىدە خاتا ئىنكاسلارنىڭمۇ يوللىنىپ قالىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن ناماز ئوقۇمىغان كىشىلەرنىڭمۇ خاتا گۇمان بىلەن لاگېرغا كېتىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان مەزكۇر ئون ئائىلە باشلىقى نەتىجە سۈپىتىدە بۇ تۈزۈمنىڭ ياخشى ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە يېزا بويىچە يۈزىنى يۇماي ناشتىلىق قىلىشنىڭ ئۆزى تەۋە يېزىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئومۇملاشقانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن خاتا گۇمان بىلەن «تەربىيەلەش» كە كېتىپ قېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت يۇقىرىقى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ رېئاللىقىغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنىڭ ئىشارەت نامىزى ۋە تەيەممۇم قىلغان-قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكىنىدەك، لاگېر سىرتىدا كىشىلەرنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقان ياكى ئالمايۋاتقانلىقىنى پايلاقچىلار ئارقىلىق نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېزىلاردىكى ئۆيلەردە تۇرۇبا بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ھويلىدا يۈز يۇيۇشقا مەجبۇر، ئەمما نۆۋەتتىكى پايلاقچىلىق تۈزۈمىدە يۈز يۇيۇشنىڭمۇ پايلاقچىلار تەرىپىدىن «تاھارەت ئالدى» دەپ مەلۇم قىلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا كىشىلەر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۈز يۇيۇشتىن، بولۇپمۇ سەھەردە يۈز يۇيۇشتىن ئۆزىنى تارتقان. يەنە ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرغىنىدا كىشىلەرنى يۈزىنى يۇماسلىققا بۇيرۇش دەرىجىسىگە بارمىغانلىقى ئېنىق، ئەمما ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ھەر خىل كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بارلىقى، بۇ ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى كەنت كادىرلىرىنىڭ كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىدىغانلىقى، نەتىجىدە ئاھالىلەرنىڭ ئۆز سايىسىدىن ئۆزلىرى ئۈركۈيدىغان ۋە تۈزۈمگە دائىرىلەر تەلەپ قىلغاندىنمۇ ئاشۇرۇپ بويسۇنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇ ۋەزىيەتكە رايوندا لاگېرلار ئائىلىلەرگە ئېلىپ كەلگەن سەرسانچىلىقنىڭمۇ تۈرتكە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.