تىجارەتچى سادىر ئەلى رامازاندا ئېپتارلىق مېھمان چاقىرغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق قاماققا كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.01.07
تىجارەتچى سادىر ئەلى رامازاندا ئېپتارلىق مېھمان چاقىرغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق قاماققا كېسىلگەن 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان تىجارەتچى سادىر ئېلىنىڭ ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئايالى مارىيە خانىم ۋە قىزى ئادىلە. 2021-يىلى يانۋار.
Mariye xanim teminligen

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئادىلە سادىر 5-يانۋار كۈنى فېيسبۇك سەھىپىسىگە ۋىدېيولۇق ئۇچۇر يوللاپ، 2018-يىلى ئاتۇشتا تۇتقۇن قىلىنغان دادىسى سادىر ئەلىنىڭ 2019-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەن كىشىلەردىن خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقان دادىسىغا ئوخشاش بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن گەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئادىلە سادىر بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى مارىيە مۇھەممەت خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئادىلە سادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشتىكى دادىسى سادىر ئەلى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى، دادىسى سادىر ئەلىنىڭ شۇ كۈنى كېچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىلىق خەۋەر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادىلەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىنكى 2 يىلدىن بۇيان، ئۇلار مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تۇتقۇندىكى دادىسى سادىر ئەلى ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن. ئادىلە سادىرنىڭ 5-يانۋار تۇغۇلغان كۈنىدە فېيسبۇك تورىغا يوللىغان سىن فىلىمى ئۇنىڭ دادىسى ھەققىدە ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا ئېلان قىلغان ئەشۇ خىل گۇۋاھلىق فىلىملىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

بوستون شەھرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مارىيە مۇھەممەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتۇشتا ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى قىلىدىغان ئېرى سادىر ئەلى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىد تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان.

مارىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئانا-بالا ئىككەيلەن ئىككى يىلدىن بۇيان تۇتقۇندىكى سادىر ئەلىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ياكى ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم لاگېردا ۋە ياكى تۈرمىدە بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئالغان.

پەقەت 2020-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇلار يۇرتى ئاتۇشتىكى تونۇشلار ۋە ساقچىلاردىن ئېنىقلاش ئارقىلىق سادىر ئەلىنىڭ 2019-يىلى سوتلانغانلىقىنى ئۇققان. مەلۇم بوولۇشىچە، سادىر ئەلى 2018-يىلى5-ئايدا، يەنى رامازان مەزگىلىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 10 غا يېقىن ئادەمنى ئۆيىگە ئىپتارلىق مېھمانغا چاقىرغان ئىكەن. شۇ قېتىملىق ئىپتارلىق مېھماندارچىلىق ئۇنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشىغا جىنايى پاكىت قىلىنغان ئىكەن.

مارىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر سادىر ئەلىگە «ئادەم توپلاپ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ، ئائىلە ئەزالىرىغا ئۇنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئۇلار باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق سادىر ئەلىنىڭ مارالبېشىدىكى «تۇمشۇق» تۈرمىسىگە قامالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغان.

مارىيە مۇھەممەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان سادىر ئەلى دەسلەپكى يىللاردا ئاتۇشتىكى يېزا-ئىگىلىك بانكىسىدا ئىشلىگەن. 2000-يىلى خىزمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە مال توشۇيدىغان شىركەت قۇرغان ۋە ئائىلە بويىچە ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن. سادىر ئەلىنىڭ ئەينى چاغدا تىجارىتى روناق تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ياپونىيەدىن كىرگۈزگەن 10 نەچچە يۈك ئاپتوموبىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئۈزلۈكسىز قاتناپ تۇرغان. سادىر ئەلى ئايالى ۋە قىزىنى يوقلاپ 2013-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن، 2014-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن كۆپ قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شىركىتى تاقىلىپ قالغان. شۇندىن كېيىن ئۇ 2015-يىلى يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كېتىپ ئۆي-جاي يەر-مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. سادىر ئەلى ئاتۇشقا كەتكەندىن كېيىن، يەنى 2016-يىلى ئۇنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. تاكى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ئامېرىكادىكى ئائىلىسى بىلەن ئۈندىداردا كۆرۈشۈپ تۇرغان. ئەمما 2018-يىلى 5-ئاي رامازان مەزگىلىدە «ئۆيىگە ئىپتارلىق مېھمان چاقىرغان» دېگەن باھانىدە 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە ئاتۇشتىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى سادىر ئەلىنىڭ ئامېرىكادىكى ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ «ئادەم توپلاپ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.