راندى شىركىتىنىڭ غايىب ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى لاگېرلار

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.05.26
راندى شىركىتىنىڭ غايىب ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى لاگېرلار ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان راندى شىركىتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئېنىقلاپ چىققان سۈنئىي ھەمراھىدا تارتىلغان لاگېرلارنىڭ ئورنى. 2021-يىلى يانۋار.
rand.org

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، رادىكاللىقنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان «قايتا-تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» نىڭ تاقالغانلىقى، «كۇرسانتلار» نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق يېڭى ئ‍ئاشكارىلانغان دەلىللەر بۇ ئورۇنلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىزچىل ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپلا قالماي، بۇ ئورۇنلارنىڭ يەنە كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان راندى شىركىتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ لاگېرلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھدا تارتىلغان لاگېر سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، راندى شىركىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 380 گۇمانلىق لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدا تارتىلغان كەچلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. بۇ 380 گۇمانلىق لاگېرنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ‍ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىغان بولۇپ، راندى شىركىتى يۇقىرىقى 380 لاگېر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئۇلار دىققىتىنى «بۇ ئورۇنلاردىكى كەچلىك چىراغلارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارىتىپ، بۇ ئورۇنلاردىكى ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. راندى شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى ھەرىكىتىدە 2019 ۋە 2020-يىلى ئۆزگىرىش بولغان يەنى ئۇيغۇرلارنى قىسقا مۇددەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش ۋە «قايتا تەربىيەلەش» تىن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ئۆزگەرگەن.

دوكلاتتا، ئەمەلىيەتتە 2020-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ يېرىمىدا چىراغلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، بۇ ئەھۋال بۇ ئورۇنلارنىڭ نوقۇل ئاكتىپ بولۇپلا قالماي، يەنە كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېرىك روبېنسون راندى شىركىتىنىڭ مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ ئورۇنلاردىكى كېچىلىك يورۇقلۇقنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنى ئانالىز قىلغان.

ئېرىك روبېنسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى توپلىغان 380 تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قايتا تەربىيەلەش ئورنىنىڭ مەۋجۇت سانلىق مەلۇماتىنى ئىشلەتتۈق. بىز بۇ ئورۇنلارنى ئىشلىتىپ، ئاندىن كېچىسى يورۇتۇش، دەپ ئاتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇمات ساندىنىنىڭ ئۈستىگە قاتلاممۇ-قاتلام قويدۇق. بۇ سانلىق مەلۇمات ساندىنىنىڭ قىلىدىغىنى ئېنىق كۆرۈش قىيىن بولغان نۇقتىلارنىڭ كېچىدىكى يورۇقلۇقنىڭ زىچلىق دەرىجىسى قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قارايدۇ. بۇ سانلىق مەلۇمات ساندىنى ئاممىغا ئوچۇق بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا ئ‍ىدارىسى ھەر خىل مەقسەتلەر ئۈچۈن ياسىغان.»

ئېرىك روبېنسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يەنە بۇ ئورۇنلاردىكى كېچىلىك يورۇقلۇقنىڭ ھەر ئايلىق ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ سانلىق مەلۇمات ساندىنىنىڭ قىلىدىغىنى ئۇلار يەر شارىدىكى ھەر كۋادراتنى يەرنى ئۆلچەپ، كېچىسى يەر يۈزىدىكى يورۇقلۇقنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ۋاقىتنىڭ ‍ئۆتۈشى بىلەن قانچىلىك ئۆزگەرگەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. بىز بۇنى ھەر ئايلىق ‍ئۆزگىرىشكە قاراپ قىلدۇق. بۇ بىزنى بېرىش قىيىن بولغان ياكى بارغىلى بولمايدىغان ۋە ياكى بىز بېرىپ ئېنىقلاش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان جايلارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ جايلاردا قانداق ئ‍ۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا بىزنى مىكرو سەۋىيەدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.»

راندى شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ جەرياندا باشقا نۇرغۇن ئەسلىھەلەرنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى مۇقىم ھالەتتە تۇرغان، بەزىلىرىدە ئ‍ازايغان. ئەمما ھېچقاچان بۇرۇنقى ھالىتىگە چۈشۈپ قالمىغان. دوكلاتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ تەتقىقاتچىلارغا بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ يەنىلا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، ئەمما سىغىمى ئازايغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن چۈشەنچە بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

راندى شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سىياسىي تەتقىقاتچىسى سكوت ھارولد راندى شىركىتىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋەردار تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تاقىۋەتتۇق، دېگەن نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ تاقالمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.

سكوت ھارولد بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «دائىرىلەر تەرىپىدىن كەسپىي ماھارەت ياكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزلىرى، دەپ ئاتالغان نۇرغۇن ئورۇنلار تاقىلىپ، ھېچكىم قالمىدى، دېيىلگەن. بىراق مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم كېچىلىك سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق بۇ ئورۇنلارنىڭ كۆپ قىسمىدا كېچىلىك چىراغلارنىڭ يورۇق ئىكەنلىكى، بۇ چىراغلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل يېقىق تۇرۇشى بۇ لاگېرلاردا نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.»

سكوت ھارولدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ لاگېردىكى كەچلىك چىراغ نۇرى بىلەن ئۇنىڭ كۈندۈزدىكى مەنزىرىسى بىردەكلىككە ئىگە ‍ئىكەن. سكوت ھارولد: «بۇ لاگېرلارنىڭ كۈندۈزدىكى بىر قاتار كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئىشچىلارنىڭ ئىشقا ماڭغان ھالىتى، خىتاي تۈرمە مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ داۋاملىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى بۇ لاگېرلارنىڭ داۋاملىق مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مانا بۇلار خىتاينىڭ بۇ ئەسلىھەلەر تاقالدى، دېگەن سۆزىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، سىغىمچانلىقى ئازايغان ئەسلىھەلەر ئاساسەن بىخەتەرلىكى تۆۋەن دەرىجىلىك «قايتا تەربىيەلەش» ئورۇنلىرى ئىكەن. لېكىن سىغىمچانلىقى كېڭەيتىلگەن ئەسلىھەلەر تۈرمىگە ئوخشاش بولۇپ، ئېگىز تاملىرى سىم بىلەن ئۇرۇلغان ‍ئىكەن. دوكلاتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ بەلكىم 2019 ۋە 2020-يىللىرىدىكى ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدىغانلىقى، قىسقا مۇددەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قايتا تەربىيەلەش ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تاقالغانلىقى، «كۇرسانتلار» نىڭ جەمئىيەتكە قايتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بىراق ئېرىك روبېنسوننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ئېلان قىلغان 2019 ئۇنىڭ پەقەت 3 پىرسەنتى تاقالغان، قالغان 97 پىرسەنتى داۋاملىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ‍ئىكەن.

ئېرىك روبېنسون مۇنداق دەيدۇ: «تاشقى دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى شىنجاڭدىكى تۇتقۇن قىلىپ قايتا-تەربىيەلەشنى توختىتىشقا چاقىرىشى ۋە بۇ جەھەتتىكى بېسىمنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاي بۇنىڭغا ھەر خىل جاۋابلارنى بېرىپ، لاگېرلارنى مەۋجۇت ئەمەس ياكى بۇ ئورۇنلارنى قايتا-تەربىيەلەش، دېدى. پەقەت 2019-يىلى ئۇ بۇ ئورۇنلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىمىز ئۇلار لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ پەقەت 3 پىرسەنتىنىڭ تاقالغانلىقى بىزگە مەلۇم. شۇ ۋاقىتنىڭ ئ‍ئۆزىدە 97 پىرسەنت لاگېرنىڭ داۋاملىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.»

راندى شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئۇلار تەكشۈرگەن 51 لاگېرنىڭ كېچىلىك چىراغ نۇرى ئازىيىپ تاقالغاندەك قىلغان بولسىمۇ، بىراق تەتقىقاتچىلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ لاگېرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىزچىل ئاكتىپ ئىكەنلىكى، ئ‍ۇنىڭ ئىچىدىكى پەقەت 11 لاگېرنىڭ تاقالغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.