ئىنكاس: «‹ئىشەنچ توخۇ دۈملىمە رېستورانى› نىڭ ساھىبى ياسىن مەمەت يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇندا»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-07-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر «تەربىيەلەش» لاگېردا تاماق تارقىتىشتىن بۇرۇن كوممۇنىستىك پارتىيەنى مەدھىيەلەپ ناخشا ئېيتقۇزۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش.
ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر «تەربىيەلەش» لاگېردا تاماق تارقىتىشتىن بۇرۇن كوممۇنىستىك پارتىيەنى مەدھىيەلەپ ناخشا ئېيتقۇزۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش.
Oqurmen Teminligen

قەشقەر يېڭىشەھەرلىك مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، يېڭىشەھەردىكى «ئىشەنچ توخۇ دۈملىمە رېستورانى» نىڭ ساھىبى ياسىن مەمەت رېستورانىدا ھەر كۈنى سېتىلماي قالغان تائاملارنى يوقسۇل ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىپ تارقاتقانلىقى ۋە بۇ تائامغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇنسىز ياردەم بېرىش ۋە جىنايەتچى ئائىلە-تاۋىئاباتىنى قانات ئاستىغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر رېستوراننىڭ ساھىبى ياسىن مەمەتنىڭ ئاقسۇدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

قەشقەر يېڭىشەھەرلىك بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېڭىشەھەردە 20 يىلدىن بۇيان رېستوران ئېچىۋاتقان پېشقەدەم كارخانىچى ياسىن مەمەت رېستورانىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆز ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن رېستورانىدا ھەر كۈنى بەلگىلىك بىر سائەتكىچە سېتىلماي قالغان تائاملارنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى يوقسۇل ئائىلىلەرگە ۋە يېتىم-يېسىرلارغا تارقىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى يىللاردىن بېرى سودا سانائەت باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن يېمەكلىكنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش دەپ مەدھىيەلىنىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ كەلگەن. ياسىن مەمەتنىڭ بۇ قىلغانلىرى 2017 ‏-يىلىغا كەلگەندە قانۇنسىز ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسا، ھەقسىز تائامغا ئېرىشكەن يېتىم-يېسىرلار ئىچىدە سىياسىي مەھبۇس پەرزەنتلىرىمۇ بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ جىنايەتچىلەر ئائىلە-تاۋىئاباتىنى قانات ئاستىغا ئېلىش بىلەن قارىلىنىپ قاماققا ئېلىنغان. 

بۇ ئىنكاس ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەردە سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان بىر خادىم، يېڭىشەھەردە «ئىشەنچ توخۇ دۈملىمە رېستورانى» دەپ بىر رېستوراننىڭ بارلىقى، بۇ رېستوراننىڭ 5-6 ئورۇندا تارماق دۇكىنى بارلىقى ۋە رېستوران ساھىبى ياسىن مەمەتنىڭ نۆۋەتتە ئاقسۇدىكى بىر جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. 

ئالاقىدار خادىم ياسىن مەمەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. 

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن؛ ياردەمنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئارقىلىق يەنى ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ياكى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئارقىلىق قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان. ئەمما جەمئىيەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ تۈزۈم 2009 ‏-يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ياسىن مەمەت يېقىنقى يىللاردا بۇ تۈزۈمگە بويسۇنۇش ئۈچۈن ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنغان ۋە ھەقسىز تائامنى بۇ ئورگاننىڭ قولى ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ ئورگان تاماق تارقىتىدىغانغا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرالمىغاچقا، بۇ ئىشنى ياسىن مەمەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىشىغا ئاغزاكى رۇخسەت قىلغان. ئىنكاستا ئەسكەرتىلىشىچە، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمدىلىكتە بۇ رۇخسىتىگە ئىگە چىقمىغان ياكى چىقالمىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. 

ئالاقىدار خادىم يەنە ياسىن مەمەت بېشىنى سىلىغان يېتىم-يېسىرلار ئارىسىدا سىياسىي مەھبۇس پەرزەنتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئەمما ئۇ ياسىن مەمەتنىڭ لاگېردا ساق-سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تىجارىتىنى ئوغلىنىڭ نورمال داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا يېڭىشەھەردىكى «ئىشەنچ توخۇ دۈملىمە رېستورانى» نىڭ ساھىبى، 53 ياشلىق ياسىن مەمەتنىڭ يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى بىر ئىنكاس ۋە بۇ ئىنكاس ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت