خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىدە خىزمەت كۆرسەتكەن سىياسىي كومىسسار ئابلىكىم غوپۇرمۇ قاماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.08.20
ablikim-ghopur-saqchi-thumb.jpg 2018-يىلى 6‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان، 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مەزگىلىدە كۇچادا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئالغان ئابلىكىم غوپۇر.
baike.com

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مەزگىلىدە كۇچادا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئالغان ۋە مۇكاپاتلانغان كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابلىكىم غوپۇر، ئۆتكەن يىلى 6‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى يەتكۈزگەن بۇ ئۇچۇر، مۇخبىرىمىزنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى ساقچى خادىملىرىنى زىيارەت قىلىشى داۋامىدا دەلىللەندى.

چەتئەلدىكى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كۇچالىق مۇھاجىرلاردىن بىرى، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە كۇچادا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان ۋە مۇكاپاتلانغان كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابلىكىم غوپۇرنىڭ نۆۋەتتە قاماقتا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. تەلەفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۆزلىرى سىياسىي ئۆگىنىش ۋاقتىدا كۆرۈۋاتقان ساقچى ئىبرەت فىلىمىدا ئابلىكىم غوپۇرنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئاڭلىغۇچىمىزدىن كەلگەن ئىنكاستا، ئابلىكىم غوپۇرنىڭ ئىلگىرى كۇچادا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك ھۆكۈمەت تەرەپتىن مۇكاپاتلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مەزكۇر ساقچى خادىمى سابىق سىياسىي كومىسسار ئابلىكىم غوپۇرنىڭ ئىككىيۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ كونكرېت قايسى ۋەقە ياكى قايسى شەخسلەرگە قارىتا ئاتالمىش ئىككىيۈزلىمىچىلىك قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ئابلىكىم غوپۇر ھەققىدە قىسقا بىر تونۇشتۇرۇشتا ئابلىكىم غوپۇرنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى مۇقىملىق ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەسسە قوشقانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن «ئولىمپىك ئىلغارلىرى» قاتارىدا مۇكاپاتلانغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما ئولىمپىك مەزگىلىدە قايسى ۋەقە ياكى قايسى مەيداندا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. رادىيومىزنىڭ خەۋەر ئارخىپلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنى ئولىمپىك باشلىنىپ ئىككىنچى كۈنى كۇچادا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ ۋەقەدە كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى، باج ئىدارىسى ۋە سودا سانائەت ئىدارىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ چاغدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ۋەقەدە ھۇجۇمچىلار ۋە ساقچىلار بولۇپ ئىككى تەرەپتىن 11 كىشى ئۆلگەن ۋە 13 كىشى يارىلانغان. رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللىغان مەزكۇر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئابلىكىم غوپۇر مانا مۇشۇ ۋەقەدە ھۇجۇمچىلارنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى جازالاشتا ئاكتىپ رول ئالغانلىقى ئۈچۈن ئەينى چاغدا داغدۇغىلىق ھالدا مۇكاپاتلانغان.

ئالاقىدار ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن ئابلىكىم غوپۇر 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتە كېسىلگەن ياكى كېسىلمىگەن؛ كېسىلمىگەن بولسا لاگېر ياكى قاماقتا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىدە خىزمەت كۆرسەتكەن سىياسىي كومىسسار ئابلىكىم غوپۇرنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.