خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيناش تەدبىرلىرى غەربلىكلەرنى قاتتىق چۆچۈتكەن.
2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش ۋە جازا لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنى رەھىمسىزلەرچە قىيناشتەك ئېغىر پاجىئەگە خىتاينىڭ ساقچى خادىمى سۈپىتىدە بىۋاستە قاتناشقان «ۋاڭ» فامىلىلىك بىر خىتاي كىشى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە لوندۇندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ تۇتقۇنلارغا يۈرگۈزگەن ۋەھشىيلەرچە قىيناش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ياۋروپادا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ سابىق ساقچى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئىسم-فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، «جياڭ» دېگەن نامدا ئارقا-ئارقىدىن غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز قىيناش تەدبىرلىرىنى پاش قىلىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا ۋە چۆچۈتمەكتە.
گېرمانىيەدىكى «ئاخبارات» تورى 17-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى قورقۇنۇچلۇق قىيناش: ھەيران قالارلىق جازا ئورۇندۇقى ۋە جىنسىي زەربە: خىتاي ھۆكۈمىتى قارشىلاشقۇچىلارغا مانا مۇشۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىدۇ» ناملىق ماقالىدە «جياڭ» فامىلىلىك خىتاي ساقچىسىنىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بەرگەن.
مەزكۇر ماقالىغا: «مۇشتلاش، تېپىش ۋە توك بىلەن سوقۇش: خىتاينىڭ قارشى تەرەپكە نەقەدەر رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىڭ بىر مىسالى. بۇنى شىنجاڭدىكى ‹قايتا تەربىيىلەش لاگىرى› دا خىزمەت قىلغان بىر سابىق ساقچى ئاشكارىلىدى. بۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يوشۇرۇن قىيناش تەدبىرلىرى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئىچكىي قىسىمدىن چىققان بىرىنىڭ بەرگەن ئىسپاتىدۇر» دېگەن جۈملە كىرىش سۆز قىلىنغان.
ماقالە مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «بىز نۆۋەتتە خىتايدىن كەلگەن كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئاخباراتقا ئېرىشمەكتىمىز. بىر سابىق خىتاي ساقچىسى شىنجاڭ دىيارىدىكى تۇتقۇنلار ئۇچراۋاتقان رەھىمسىزلەرچە قىيىن-قىستاق ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئەنگىلىيە ‹سەھەر پوچتىسى› گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەھبۇسلارغا بۈگۈنگە قەدەر يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يىرگىنىشلىك قىيناش تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئوچۇق مەلۇمات بەردى.»
ماقالىدە 39 ياشلىق سابىق ساقچى «جياڭ» نىڭ 2020-يىلى ياۋروپاغا قېچىپ چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىلگىرى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرىدا ئىشلىگەنلىكى، مەھبۇسلارنىڭ تاسما بىلەن قامچىلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى، بەزى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېغىر قېيىن-قىستاق ئىچىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ نالە-زارلىرىدىن ھوزۇرلىنىدىغانلىقىغا شاھىد بولغانلىقى، بۇ «جەبرى-زۇلۇم دوزاقى» غا ھەتتا 14 ياشلىق نارىسىدىلەرنىڭمۇ قامالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىدەك پاجىئەلىك بىر ھاياتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
سابىق خىتاي ساقچىسى «جياڭ» نىڭ بايان قىلىشىچە، 3 ساقچى بېلىدىكى كەمىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، بىر تۇتقۇننى نۆۋەت بىلەن قامچىلايدىكەن. تېرىك كىرگەن بىر ئىنسان قامچە دەستىدىن جان بېرىپ، ئۆلۈك چىقىدىكەن. ساقچىلار يەنە تۇتقۇنلارنى ئۇيقۇسىز قالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن جازالايدىكەن. گەرچە بۇ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ رەھىمسىز ۋە ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇل ھېسابلىنىدىكەن. تۇتقۇنلار قانچە كۈنلەپ ئۇيقۇسىز قالدۇرۇلغاندىن كېيىن يىقىلىدىكەن. ئۇلار يىقىلغاندا، ئەگەر ھايات قالغان بولسا، ئاندىن دوختۇرغا ئېلىپ بېرىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. مۇشت بىلەن ئۇرۇش، پۇت بىلەن تېپىش، بېشىغا پىلاستىك كەيگۈزۈپ ياكى سۇغا تۇنجۇقتۇرۇپ نەپەس ئالغۇزماسلىق، توك كالتەكلىرى بىلەن قىيناش ئادەتتىكى ئۇسۇللار ھېسابلىنىدىكەن. يەنە ئورۇندۇققا ھەپتىلەپ باغلاپ قويۇش جازاسىدىن باشقا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا توك ئۆتكۈزۈپ قىيناش ئۇسۇللىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ خىل جازا تەدبىرلىرى بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان ۋەھشىلىك، ياۋايىلىق ھېسابلىنىدىكەن.
گوللاندىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بىلدۈرىشىچە، «جياڭ» نىڭ بايانلىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا يۈرگۈزۈىۋاتقان قىيناش ئۇسۇللىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمى سانىلىدىكەن. قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئۆزى، لاگېرلاردىكى يالغۇز توك بىلەن قىيناشنىڭلا 5 خىل ئۇسۇلىنى بىلىدىكەن. مەسىلەن، توك كالتىكى بىلەن قىيناش، توك قالپىقى بىلەن قىيناش، توك پەلىيى بىلەن قىيناش، توكلۇق ئورۇندۇق بىلەن قىيناش ۋە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا توك سىملىرىنى تىقىپ قىيناش.
مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تاتار مىللەتلىرىدىن بولغان لاگېر شاھىدلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان جازا لاگېرلىرىدىكى قېيىن-قىستاقلار توغرىسىدا بېرىپ كېلىۋاتقان گۇۋاھلىقلىرى ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قېيىن-قىستاقلارغا شېرىك بولغان بىر سابىق خىتاي ساقچىسىنىڭ لاگېر شاھىدلىرى بەرگەن مەلۇماتلارنى تەستىقلىشى ۋە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئىقرار قىلىشى دۇنيانى تېخىمۇ ھەيران قىلىدىكەن ھەم ئىنسانلارنى قاتتىق چۆچۈتىدىكەن.