ئاقسۇدا نان ئىشلەپچىقىرىش سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇپ، ناۋايخانىلار «جەم قىلىنغان»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.07.07
uyghur-nan-girde.jpg ئۇيغۇر ناۋاينىڭ تونۇرغا گىردە يېقىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 14-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نامراتلارنى يۆلەش، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە چوڭ كۆلەملىك سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تايانغان يەككە ئىگىلىكى ۋە تىجارىتىگە زەربە بەرمەكتىكەن.

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 29-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسۇدا قۇرۇلغان نان ئىشلەپچىقىرىش سانائەت باغچىسى رەسمىي ئىش باشلىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۇ يەرنى ھەقسىز زىيارەت قىلالايدىكەن.

«ئاقسۇ گېزىتى» خىتايچە تورىنىڭ 29-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سانائەت باغچىسىغا 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 30 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن؛ ئۇ يەردە ئاقسۇ شەھىرىدىكى ناۋايخانىلار بىر يەرگە «جەم قىلىنغان» بولۇپ، جەمئىي 600 ناۋاي ئىشلەيدىكەن، ھەر كۈنى 500 مىڭ نان تەييارلايدىكەن. بىز بۇ سانائەت باغچىسىغا تېلېفون قىلىپ بەزى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ قارشى تەرەپكە ئۇلىشالمىدۇق.

ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇدا قۇرۇلغان بۇ سانائەت باغچىسى 2018-يىل قۇرۇلغان «ئۈرۈمچى نان مەدەنىيىتى سانائىتى باغچىسى» دىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ھەر خىل كۆلەمدىكى نان ئىشلەپچىقىرىش سانائەت باغچىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، شۇنداقلا كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يىل 28-ئىيۇن شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خىتايچە بۆلۈمى سانجىدا قۇرۇلغان «يىپەك يولى ماكانى نان مەدەنىيىتى سانائەت باغچىسى» نىڭ 7-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. بۇ باغچىنىڭ مەسئۇلى قۇرۇلۇش ۋە بېزەكچىلىكىنى تاماملاپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، نان مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە خىتايچە «شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورى» دا بۇ يىل 23-ئىيۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىدىغان نانلارنىڭ تۇنجى بولۇپ قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ شىنجاڭ بىلەن مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە يېقىنلىقى، خىتاينىڭ نان مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى ئېچىشتىكى قەتئىي ئىشەنچى كۆرسىتىلگەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 6-ئىيۇل بەرگەن بىر خەۋىرىدە، قەشقەردىكى ئالتىنچى ئەۋلاد شىنجاڭلىق ناۋاينىڭ گىردىلىرىنىڭ توردا بازار تېپىپ، كۈنىگە 8000 دانە سېتىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ناۋايخانىسىنىڭ ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 6-ئىيۇل تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى نان مەدەنىيىتى سانائەت باغچىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولۇپ، نان چىقىرىش كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەر ۋە تەشۋىقاتلارنىڭ ھېچقايسىسىدا نان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن، بەلكى ھەممىسى «شىنجاڭلىق» دېگەن ئومۇمىي نامغا تەۋە قىلىۋېتىلگەن. «تەڭرىتاغ تورى» دىكى خەۋەردە بىر خىتاي ساياھەتچىنىڭ مۇخبىرغا: «تاڭزۇڭزا بايرىمىدا مەن بالىلىرىمنى ئېلىپ بېرىپ بۇ يەرنى (ئاقسۇ نان ئىشلەپچىقىرىش ساياھەت باغچىسىنى) زىيارەت قىلدىم، ئاساسلىقى ئۇنى ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىمىزدىن ناننىڭ پىشۇرۇلۇش جەريانىنى كۆرۈپ كۆزىنى ئاچسۇن، ئەنئەنىۋى شىنجاڭ يېمەكلىكلىرىمىزنى كۆپرەك بىلىۋالسۇن دېدىم، كېتەشىمدە ئۆيدىكىلەرگىمۇ ئازراق ئېلىۋاتىمەن» دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، «نان قانداق بولۇپ موما يەيدىغان بۇ خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى بولۇپ قالدى؟» دېگەن سوئالنى تۇغدۇرىدۇ.

ئاۋسترالىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور مەمتىمىن ئەلا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىگىلىۋېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

مەمتىمىن ئەلا يەنە بۇ خىل مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلىش، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتەك قاباھەتلىك مۇھىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھۈنەر-سەنئەت، مەدەنىيەت بايلىقىنى بىمالال ئوغرىلاش، ئاندىن ئۇلارنى ھەم ھۈنەر ھەم كۈچ چىقىرىدىغان قۇل ئىشچى قىلىۋېتىش دېگەن ئۈچ نۇقتىدىن چۈشەندۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئائىت بولغان ناۋايلىقنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى، قول ھۈنىرىگە خاس سەنئەتنى «قېلىپلاشتۇرۇش» قا، ئوت بىلەن تاۋلىنىدىغان تونۇرنى توك بىلەن ئىسسىيدىغان تونۇرغا ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى «بىر خىللاشتۇرۇش» قا ئۇرۇنۇشى، ناۋايخانىلارنى زاۋۇتلاشتۇرۇش باھانىسىدە ناۋايلارنى يىغىۋېلىپ بىرلا خوجايىنغا ئىشلەيدىغان مەدىكارلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ نەرسىنى ئۆزىگە قالدۇرماسلىق، ئۇلارنى پەقەت خىتاي ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قۇل قىلىۋېتىش قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ-كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشلىرى ئىچىدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ ئېغىر بولۇپ، تەتقىقاتچى ئادرىيان بۇنى «يۇمشاق قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، لاگېردىكى ياكى لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت ۋە سانائەت رايونلىرىغا يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت ئۇلارنى تولۇق كونترول قىلىش ھەم كۈچىدىن پايدىلىنىش ئىكەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سۇيىقەستلىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.