توققۇزاقتا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەن ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021-02-16
Share
توققۇزاقتا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەن ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېغىشلاپ ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

مۇھاجىرەتتىكى توققۇزاقلىقلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 16 ياشلىق نەبىجان روزىنىڭ پاختا تېرىشقا ئەۋەتىلگەن ئاقسۇدا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە پاختا تەرگىنى بارغان ئوقۇغۇچىلار قونالغۇسىدا يۈز بەرگەنلىكى ۋە ۋەقەدە ئىككى كىشى ئۆلۈپ ۋە 4 كىشى يارىلانغانلىقى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ بۇلاقسۇ، قاراباغ 14 ‏-كەنت 2‏-مەھەللىدە ياشايدىغان تۇغقانلىرىدىن روزى توختىنىڭ ئوغلى نەبىجان روزىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئوقۇۋاتقان مەكتىپى تەرىپىدىن ئاقسۇغا پاختا تېرىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە شۇ مەزگىلدە بىر ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر كوناشەھەر، يەنى توققۇزاق ناھىيەسىدىكى بىر مۇقىملىققا مەسئۇل خادىمدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئەمما بىز ۋەقەنىڭ بىرقىسىم يىپ ئۇچلىرىنى دەپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل بىر ۋەقەدىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇ خادىم تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، توققۇزاقتىكى بىر مەكتەپ رەھبىرىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ناھىيەلىك ئەمەس، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاھالىلەردىن بىرى ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئاقسۇدىكى بىر پاختىزارلىقتا پاختا تېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھازىرلانغان بىر كەپىدە يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالسا؛ يەنە بىر ئاھالە، ۋەقەنىڭ پاختىزارلىققا يېقىن جايدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا قۇتقۇزۇش ئىشىغا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلغان بىر خادىم، شۇ كۈنكى ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 4 كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ۋەقە سەھەر سائەت 3 كە يېقىن يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پاختا تېرىشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ياتقان ياتاقتىن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەتراپتىكى ئالاقىدار خادىملار، ۋەقە مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، ئوت كەتكەن ياتاقتىن ئىككى جەسەت ۋە 4 يارىدارنى سىرتقا ئېلىپ چىققان.

مەزكۇر خادىم ئۆزى ياتاق دەپ تىلغا ئالغان ئورۇننىڭ پاختا ئېتىزىدىكى بىر كەپە ئىكەنلىكى ۋە ياكى پاختا ئېتىزىغا يېقىن بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياتىقى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا نېمە ئۈچۈندۇر جاۋاب بەرمىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلار تەسىس قىلىنىپ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەر ئەمگەك كۈچى لاگېرلارغا سولانغاندىن كېيىن، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ، پىدائىيلار نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. يەنە ئىلگىرى ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا پاختا تېرىشقا بېرىۋاتقان ئىشلەمچىلەر، لاگېرغا سولىنىپ قالغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى كۆپ قېتىم دەلىللەنگەنىدى.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن 16 ياشلىق تۇغقىنى نەبىجان روزىنىڭ دادىسى روزى توختىمۇ لاگېردا ئىكەن. نەبىجان ئاقسۇدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە، يەنى پاختا تېرىشقا ئاكىسى ئابدۇراخمان بىلەن بىرلىكتە ئەۋەتىلگەنىكەن.

ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن، ئاقسۇدا پاختا تېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قونالغۇسىدا يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئىككىنچى كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مەرھۇم نەبىجان روزىنىڭ ئاكىسى ئابدۇراخماننىڭ ھايات ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئۇنىڭ يارىلانغۇچىلار ئارىسىدا بار-يوقلۇقى ۋە ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت