غۇلجا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئەر-ئايال ئىككى خىزمەتچىسى چەتئەلگە چىققانلىقى سەۋەبلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.05
Merhaba-Turaxun-Shahitliq.jpg چەتئەلگە چىققانلىقى سەۋەبلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان تۇراخۇن جورىباي ۋە شادىيە زاكىرنىڭ گوللاندىيەدە ئولتۇرۇشلۇق قىزى مەرھابا تۇراخۇن شاھىتلىق بەرمەكتە.
Social Media

غۇلجا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىلىرىدىن تۇراخۇن جورىباي ۋە ئۇنىڭ ئايالى شادىيە زاكىر 30 نەچچە يىل مەزكۇر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەپ، بىر قانچە يىل ئاۋۋال پېنسىيەگە چىققان. لېكىن 63 ياشلىق تۇراخۇن جورىباي ۋە 57 ياشلىق شادىيە زاكىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا باشلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا كەڭ كۆلەملىك قاماش ھەرىكىتىدىن ئامان قالمىغانلىقى مەلۇم.

نۆۋەتتە، 2018‏-يىلى 3‏-ئايدا غۇلجىنىڭ دەريا بويى يولى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئۆيىدە بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنىپ، غۇلجىنىڭ بوز دېگەن يېرىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىككى پەرزەنتلىك تۇراخۇن جورىباي ۋە شادىيە زاكىرنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇلارنىڭ گوللاندىيەدە ئولتۇرۇشلۇق قىزى مەرھابا تۇراخۇن 4‏-سېنتەبىر كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، دادىسىنىڭ 8 يىللىق، ئانىسىنىڭ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەرھابا تۇراخۇن چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، دادىسىنىڭ شىخودىكى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئانىسىنىڭ داۋاملىق بوزدىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇلارنىڭ 2014 ۋە 2015‏-يىللىرىدا ئىككى قېتىم گوللاندىيەگە چىقىپ، پەرزەنتىنى يوقلىشى سەۋەب بولغان. 

مەرھابا: «ئاپام بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن ۋاقتىم مېنىڭ ماۋۇ كىچىك قىزىم بىر ياشقا كىرگەن ۋاقتى ئىدى. تېلېفوندا كۆرۈشكەن، يەنى 2016‏-يىلى 12‏-ئايدا. قىسقىلا پاراڭلاشقان ئىدۇق. دادام بىلەن ئاپامنىڭ 2018‏-يىلى 3‏-ئاينىڭ 3‏-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى نەۋرە ھەدىلىرىمدىن ئاڭلىدىم. دادام شىخۇغا يۆتكەلگەنلىك خەۋىرىنى بىر دوستۇمدىن ئالدىم. ئۇ دوستۇم دادامنىڭ 8 يىل كېسىلىپ، شىخۇ تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرىدىغان بىر دوستۇم ئىدى. ئۇ: ‹ئاپاڭ بىلەن داداڭ كېسىلدى، ئوشۇق گەپ قىلما. مېنى توغرا چۈشەن› دېدى. مەنمۇ ماقۇل، دېدىم. ئۇلارنىڭ كېسىلىشىنىڭ سەۋەبى، گوللاندىيەگە ئىككى قېتىم كەلگەن. شۇ سەۋەب بولدىمىكىن، دەپ ئويلايمەن. ئۇلار بىرىنچى قېتىم 2014‏-يىلى 4‏-ئايدا كېلىپ، 7‏-ئايدا قايتىپ كەتكەن. ئىككىنچى قېتىم 2015‏-يىلى 5‏-ئايدا كېلىپ 8‏-ئايدا قايتىپ كەتكەنىدى». 

مەرھابا تۇراخۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى 2018‏-يىلى 3‏-ئايدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر بىرگە تۇتقۇن قىلىنىپ، يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ قاچان كېسىلگەنلىكى، دادىسىنىڭ قاچان شىخۇغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەسلىكى، دادىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى قېتىم قويۇپ بېرىلىپ، يەنە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

مەرھابا: «ئاپامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. ئاپامنىڭ پۇتى ئاغرىيتتى. مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا ئاپام پۇتىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپامنىڭ يۈرىكى چاتاق. مۇشۇ يەردىمۇ يۈرەكنىڭ دورىسىنى ئىچكەن. دادامنىڭ دىئابىت كېسىكى بار. دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقىپتىكەن، يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ. ئاشۇ يەردە (لاگېردا) ھوشىدىن كېتىپ 15 كۈندىن كېيىن بىر قېتىم قويۇپ بېرىپتىكەن. دوختۇرخانىدا كارىۋات يېتىشمەي بېرىپ-كېلىپ داۋالىنىۋاتسا ئاشۇ يەردىن يەنە كېلىپ ئېلىپ كەتكەن گەپ. شۇنىڭدىن تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋىرى يوق». 

مەلۇم بولۇشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى پائۇل موزۇر بۇ يىل 8‏-ئايدا غۇلجىغا بېرىپ، تۇراخۇن جورىباي بىلەن شادىيە زاكىرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان. ئۇ، تۇتقۇنلار قاراشلىق ئىلى دەرياسى يولى ساقچىخانىسىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ قايسى قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار ئۇلارنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر يەرگە كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىز ‏‏4‏-سېنتەبىر كۈنى ئىلى دەرياسى يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ساقچىخانىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى ساقچىسى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ، تۇراخۇن بىلەن شادىيەنىڭ ھازىر قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا «بىز بىلمەيمىز، سىز نېمىنى سوراۋاتىسىز. بۇ ئادەم بىزگە قاراشلىق رايوندا ئولتۇرامدۇ، بۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى بىز نېمە ئۈچۈن بىلمىدۇق. سىز دېگەن ئەھۋال بىزگە نامەلۇم. بىزنىڭ رايونىمىزدا بۇنداق بىر ئادەم يوققۇ. بىزنىڭ رايونىمىزدا تۇراخۇن ئىسىملىك بىرەر مىڭدەك ئادەم بار. مەن سىزنىڭ قايسى تۇراخۇننى دەۋاتقانلىقىڭنى قانداق بىلەي. مەن تونۇمايمەن، بۇنداق ئادەملەر بەك كۆپ. ئەگەر سىزنىڭ قانداق ئىشىڭىز بولسا بىزنىڭ ساقچىخانىغا كېلىڭ، يۈز تۇرانە سۆزلىشەيلى» دېدى.

شادىيە زاكىرنىڭ ئامېرىكادا ئولتۇرۇشلۇق سىڭلىسى مۇقەددەس زاكىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر شادىيە زاكىر بىلەن تۇراخۇن جورىباينىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئىككىيلەننىڭ كېسىمنامىسىغا قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان. مۇقەددەس خانىم كېسىمنامىدە ئىككىيلەنگە «نۇرغۇن گۇناھ» ئارتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇقەددەس خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇراخۇن بىلەن شادىيە زاكىر تۇتقۇن قىلىنغان ئوخشاش بىر كۈندە ئۇلارنىڭ ئوغلىمۇ تۇتقۇن قىلىنغانىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ جىيەنى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن مەزگىللەردە ئۇنىڭ ئۆيىگە «چەتئەلنىڭ سىگنالى بايقالدى» دېگەن سەۋەب بىلەن ئىككى خىتاي كادىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قوپقان. 

تۇراخۇن جورىباي ۋە شادىيە زاكىرنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ 2017 ۋە 2018‏-يىللىرىدا 230 مىڭ كىشىگە قاماق ياكى باشقا جازالارنى بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. بۇ خەۋەر چەتئەلدىكى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىدە مەزكۇر رايوندىكى خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ كىشىلەرنى ئادىل سوتلاۋاتقانلىقىغا قارىتا جىددىي گۇمان پەيدا قىلماقتا. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شەجەۋىسكىي 4‏-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا لاگېر ۋە دىجىتال نازارەتنى ئىشقا سېلىپلا قالماي، قانۇننى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھېنرىي شەجەۋىسكىي مۇنداق دەيدۇ: «قانۇنى نۇقتىدىن قارىغاندا، بەلكىم مەن بۇنى سۆزلەۋاتقان تۇنجى كىشى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، يەنى بۇ كىشىلەرنى سوتلاشتا قانۇنى تەرتىپكە ئەمەل قىلىنمىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن ئەندىشىلەر بار. بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا ئۇقەدەر كۆپ ئادەمنىڭ سوتلىنىشى قانۇنى تەرتىپكە ئەمەل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ خىتاينىڭ كۆپ قىرلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقىنى نامايان قىلىدۇ».

ھېنرىي شەجەۋىسكىينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىڭ جازالىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئويغىنىپ، دەرھال تەدبىر قوللىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىمىز ئۈچۈن ۋەزىيەت يەنە قايسى نۇقتىغا كېلىشى كېرەك؟. ئەگەر، 2009-ۋە 2010‏-يىلى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىشلار بىزنىڭ ھەرىكەت قىلىشىمىزغا يېتەرلىك بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز ئۈچۈن 10 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە جازالانغانلارنىڭ چۆچۈتەرلىك كۆلەمگە يېتىشىنى كۈتكەنمىتۇق ياكى بۇنىڭ تېخىمۇ دەھشەتلىك كۆلەمگە يېتىشىنى كېتەمدۇق؟. بۇنىڭدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەقەت ئويغىنىشى كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ ۋەزىيەت، تەدبىر قوللانماي تۇرۇپ، پەقەت سۈكۈت قىلىش بىلەنلا تۈزەلمەيدۇ».

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 2017‏-يىلى 227مىڭ 661 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى، 2018‏-يىلى يەنە 114مىڭ 23 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغانلار يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ جەمئىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە، 2017‏-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 87 مىڭ كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 5 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن كېسىلگەنلەرنىڭ 2016‏-يىلىغا قارىغاندا 10 ھەسسە ئارتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.