كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا تارقىلىپ كېتىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.07.30
virus-uyghur-altay.jpg خىتاي دوختۇر ۋە ساقچىلارنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-19-فېۋرال، ئالتاي.
AFP

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى كۈنسېرى ئېشىپ، مەزكۇر رايون خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر يۇقۇم رايونى بولۇپ قالدى. يۇقۇمنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاترلىرىدا يۇقۇمنىڭ رايوندىكى جازا لاگېرلىرىغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرىغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 30-ئىيۇل ئاشكارىلىشىچە، 29-ئىيۇل كۈنى خىتاي مىقياسىدا 101 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغان. ھالبۇكى، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىكەن. بۇنىڭدا ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىنىڭ خەتەرلىك يۇقۇم رايونى، دەپ ئېلان قىلىڭانلىقى ۋە يۇقۇمنىڭ قەشقەرگە يېتىپ بارغانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ 30-ئىيۇل خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، 29-ئىيۇل رايوندا 96 يېڭى يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە رايون مىقياسىدىكى ئومۇمىي يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 414 كە يەتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇقۇمدارلارنىڭ بىر نەپىرى بىڭتۇەندە، بىر نەپىرى قەشقەردە، قالغىنى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم خەلقئارانىڭ دىققىتى قايتا رايوندىكى لاگېرلارغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا بۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان، بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ساداسى قايتا كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە تارالدى.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇقۇمنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ، بەلكىم لاگېرلارغا ئاللىقاچان تارقىلىپ بولغان بولۇش ئېھتىمالى مەۋجۇت ئىكەن. ساراھ كۇك بۇ سۆزلەرنى 29-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ھازىر ئېلان قىلىنغان يۇقۇم ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا جىددىي ئەندىشە بار. بەلكىم ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن كۆپ ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن. يۇقۇم تارقالغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلا ئەمەس، كېيىنكى مەزگىللەردىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تولۇق ئەمەس. ھۆججەتلەر ۋە ھەر خىل بىشارەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى، تارقىلىش ئەھۋالى، ئۆلگەنلەر ھەققىدىكى سانلىق مەرلۇماتلارنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى كوۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭدىكى لاگېرلارغا تارقىلىپ بولغان بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.»

ساراھ كۇك لاگېر ۋە كارخانىلارنىڭ شاراىتى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا قۇلايلىق ئىكەنلىكى، ۋىرۇس بۇ ئورۇنلارغا تارقالغان تەقدىردىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىشى سەۋەبلىك بىزنىڭ خەۋەرسىز قېلىشىمىز مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مۇھىتتا ۋىرۇس بەك تېز تارقىلىدۇ. بىراق بەك مۈشكۈل بولغىنى ئۇ تارقالسىمۇ، ئۇنىڭ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشەلمەسلىكتۇر. چۈنكى تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى چەكلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قارىتا ئۇچۇر چەكلىمىسى بار. بۇ ئامىللارنى كۆزدە تۇتقۇندا كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسى ھەقىقەتەن ھەقلىق ئەندىشىدۇر.»

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۇۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن جايلاردا كارانتىن ئېلان قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تالاغا چىقىشىنى چەكلىگەن. لېكىن رايوندىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى ياكى داۋاملىق زاۋۇتلاردا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى «چاڭدا پەنەركە زاۋۇتى» 2016-يىلى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى ھارپىسىدا قۇرۇلغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىدۇر.

مەزكۇر زاۋۇتنىڭ بىر مەسئۇلى 30-ئىيۇل مۇخبىرىمىزغا بۇ زاۋۇتتىكى 300 دەك ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىغا بىر ھەپتىدەك بولغانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ يۇقۇم سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى خام ئەشيا كەلمەي قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «زاۋۇتىمىزدا 300 دەك ئىشچى بار. ھازىر زاۋۇتىمىز ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقىنىغا بىر ھەپتىدەك بولدى. شۇنداق بىر ھەپتىدەك بولدى. سەۋەبى خام ئەشيا يوق. شۇنداق، ئىشچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى يەرلىك دېھقانلار. ئادەتتە ئۇلار 10 سائەت ئىشلەيدۇ. ئۇلار ئىشلىشىگە قاراپ ھەق ئالىدۇ. قانچىلىك ئىش قىلسا شۇنچىلىك ھەق بېرىلىدۇ.»

مەزكۇر زاۋۇت مەسئۇلى ئىشچىلارنىڭ قەيەرگە قايتۇرۇلغانلىقى، «ئۆيىگىمۇ ياكى تەربىيەلەش ئورنىغىمۇ،» دېگەن سوئالىمىزغا «ئەلۋەتتە، ئۆيىگە قايتۇرۇلىدۇ. ھازىر ھەممە يەر يۇقۇم سەۋەبلىك كارانتىنغا ئېلىندى. ئىشلەپچىقىرىشمۇ توختىدى. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشى كېرەكقۇ،» دەپ جاۋاب بەردى.

گوللاندىيەدىكى تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇللا ئارىش 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئاىلىسىدىكى نۇرغۇن كىشى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. نۆۋەتتە ئائىلىسىدىكىلەر ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەن، لېكىن قېينىئاتىسىنىڭ داۋاملىق ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئابدۇللا ئارىش 30-ئىيۇل تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رايوندىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەرنىڭ ھازىرقى شارائىتىدا ئەگەر يۇقۇم بۇ ئورۇنلارغا تارقىلىپ كەتسە، ئۇنىڭ «بىئولوگىيەلىك قورال» غا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللا ئارىشنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ 2017-يىلى 10-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن قېينىئاتىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. ئۇ يۇقۇم قېينىئاتىسىنىڭ ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەزى ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇقۇمنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردەك بىر-بىرىدىن يىراق شەھەردە تارقىلىشى ۋە جەمئىيەتكە تارقىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى پۈتكۈل رايوندا يۇقۇمغا ئالاقىدار بىر قانچە «يوشۇرۇن قىزىق جايلار» نىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور مايكېل كلارك ئاۋسترالىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىگە تەكىتلىگەن.

ئۇ يۇقۇمدا لاگېرلاردىكى قاراۋۇل ۋە لاگېر خادىملىرىنىڭ ئەڭ خەۋپلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇلار يۇقۇمنى لاگېرلارغا تارقاتقۇچى بولالايدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋال يۈز بەرسە ‹قايتا تەربىيىلەش› لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.