دوختۇر مەمەت ئىمىن: ئۇيغۇرلارغا ۋاكسىنا سىناق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن
2020.08.24
قوللىنىشچان بىئولوگىيىلىك تېخنىكا تەجرىبىخانىسىدا كورونا ۋىرۇسقا دىئاگنوز قويۇش زاپچاسلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 14-ماي.
15-ئىيۇل خىتاينىڭ تىڭشۈن، بەيدۇ، ۋىيبو قاتارلىق ئاساسلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۈرۈمچىدە كورونا ۋىرۇسنىڭ قايتىدىن بايقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كەڭ تارقالدى. خىتاينىڭ ئورگان تورلىرىمۇ بۇ ھەقتە بەس-بەستە خەۋەر بېرىشتى. ئەھۋالنىڭ جىددىى ئىكەنلىكى، ئۈرۈمچىگە كېرىپ چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقىشنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۆيلەرنى تېشىدىن پېچەتلەشتىن سىرت، سۇۋاركىلىۋەتكەن بولۇپ، خۇددى ئۇ ئۆيدىن مەڭگۈ چىقمايدىغاندەك قاتتىق تەدبىر قوللىنىلغان. ھەر قايسى ئولتۇراق رايونلىرىغا مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىملار تەيىنلەنگەن. ھېچقانداق ئىسىم، چۈشەندۈرۈلۈشى بولمىغان دورىلار تارقىتىلغان بولۇپ، ئاھالىلەر دورىنى ئىچكەنلىكىنى سىنغا ئېلىپ، باشقۇرغۇچى خادىم قۇرغان ئاھالىلەرنىڭ «ئۈندىدار توپى» غا يوللىشى كېرەك ئىكەن. ھەتتا بىر ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ يول بويىدىكى رىشاتكىغا كويزا بىلەن باغلاپ قويۇلغانلىقى، كارانتىن خادىمىنىڭ دورا ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
بىز بۇ دورىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوختۇرخانا ۋە ئاھالە كومىتېتلىرى بىلەن ئالاقە قېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ تېلېفونلار ئېلىنمىدى. شۇنىڭ بىلەن «ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە كونترول قىلىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى» گە تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفوننى ئالغان خادىم ئاھالىلارغا ئۈچ خىل دورىنىڭ تارقىتلىۋاتقانلىقىنى، بىرىنىڭ جوڭيىچە دورا، ئىككىسىنىڭ غەربچە دورا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەھۋالى نورمال بولغان كىشىلەر جوڭيىچە دورىنىلا ئىچىشى كېرەك ئىكەن. بۇ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن. بۇ دورىنى ئەتىگەندە بىر ۋە كەچتە بىر خالتا ئىچىدىكەن. ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسا «ليەنخۇا چىڭۋېن كاپسۇلى» (Á¬» ¨ÇåÎÁ½ºÄÒ) ۋە يەنە بىر دورىنى(ئىسمىنى دېمىدى) ئېچىشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى يۇقىرىقى تىلغا ئىلىنغان دورىنىڭ غەربنىڭ دورىسى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 16-ئاۋغۇست كۈنى رايوندا دىئاگنوز قويۇلغان مەۋجۇت يۇقۇمدارلار 378 گە، كارانتىندىكى گۇمانلىق يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 9446 گە چۈشكەن. بۇ يۇقۇمدارلار ئاساسەن ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.
20-ئاۋغۇست ئىلى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە 17-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن كۈنىگە 200مىڭ ئادەم قېتىملىق كىسلاتالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان تەجرىبىخانا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. يۇقۇملانغۇچى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بولمىغان ئىلى ئوبلاستىدا بۇنداق زور كۆلەملىك تەجرىبىخانىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كۆزەتكۈچىلەرنى ۋە دوختۇرلارنى «ئۇيغۇرلار تەجرىبە ماتېرىيالى» بولۇپ قالدىمۇ، دېگەن گۇمانغا سالغان.
خىتاي تورىنىڭ 24-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئومۇميۈزلۈك 2 مىليون 300 مىڭ ئەۋرىشكە توپلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
دوختۇر مەمەت ئىمىن قاتتىق قامال قىلىش، بېرىلىۋاتقان دورىلار ۋە بۇ تەجرىبىلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ يۇقۇم كونترول قىلىندى، دەپ تۇرۇپ بىر رايوننى قامال قىلىپ تۇرۇپ، دورىلارنى تارقىتىشنى داۋام قىلىشىدىن ۋاكسىنا سىناق ئىلىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ، گۇمانلىنىمەن. بىر تەجرىبىگە 6 ھەپتە دەپ پىلانلىغان بولسا، يۇقۇملانغۇچى يوق دەپ ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، قاتتىق قاماق قىلىشنى 31-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن».
مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسىدىكى خادىممۇ كارانتىننىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېنىق بىر نېمە دېمەستىن «تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق يۇقۇملىنىشنى كونترول قېلىش جەريانىدا جوڭيىچە دورىنى 100 پىرسەنت ئومۇملاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تارقىتىش ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنىڭ مىدىتىسىناسىنىمۇ بازارغا سېلىش غەرىزىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.









