ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارمۇ رايوندىكى قاتتىق تەقىبدىن ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
2019.08.06
يېقىندىن بۇيان خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.
1-ئاۋغۇست كۈنى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىدە «شىنجاڭلىق بىر خىتاينىڭ ياردەم سوراش تېلېفونى: ئائىلەمدىكىلەر لاگېرغا قامالدى، بىز مۇقىملىق ساقلاش خىزمىتىگە زورلاندۇق» سەرلەۋھەلىك 25 مىنۇتلۇق مەخسۇس پروگرامما بېرىلدى. مەزكۇر پروگراممىدىكى لى شىن تەخەللۇسلۇق خىتاي ئايال رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئائىلىسى دۇچ كەلگەن ۋەقەلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، لى شىن تەخەللۇسىدىكى بۇ خىتاي ئايالنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئائىلە ئەزالىرى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ ھەر خىل ئاماللار ئارقىلىق ئاۋۋال خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىۋالغان. ئاندىن چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئۆز ئائىلىسىدىن لاگېرغا تۇتۇلغانلارنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتقان.
لى شىن رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا دائىرىلەرنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش، قايتا تەربىيەلەش» دېگەندەك ناملاردا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قاماش قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاۋام خەلقنىڭ، جۈملىدىن «خىتاي كۆچمەنلىرى» نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ دائىرىلەرنىڭ بارغانچە چەكتىن ئېشىپ بېرىۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىدىن بىزار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە نازارەت ۋە تەقىب ئاستىدا قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئائىلە ئەزالىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ساقچىغا بېرىپ ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى سوراش ھوقۇقى يوق ئىكەن. ئەگەر كىمدە-كىم ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتى ياكى ساقچىخانىدىن بۇنداق سوئاللارنى سورىسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاب ئېنىقكى، «سېنىڭمۇ لاگېرغا بارغۇڭ بارمۇ؟» دېگەندەك تەھدىت ۋە تەنبىھ بولىدىكەن.
لاگېرغا قامالغان خىتاي پۇقرالىرىمۇ ھەر كۈنى نەچچە سائەتلەپ سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىكەن. ئۇلاردىن شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى يادلاش تەلەپ قىلىنىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىق پىكرىنى ئىپادىلىسە، ئۇلارمۇ شۇ ھامان تۇتقۇن قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ يۈز بەرگەن جىددىي ئەھۋاللار ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەن تەرەپلىرى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.
ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي پۇقرالىرىمۇ «5 قوشۇلغان بىر» نامىدىكى نازارەت سىستېمىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل نازارەتتە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەرقانداق بىر ھەرىكىتى كۆزىتىش ئىچىدە تۇرىدىكەن. ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغانلار يەنە ساقچىلارغا ماسلىشىپ مۇقىملىق قوغدىغۇچى پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلىدىكەن. ئۇنىڭ قېرىندىشى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن مەزگىلدە ياشانغان ئاتا-ئانىسى مۇقىملىق قوغداش ئەترىتىگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان ئىكەن. دائىرىلەر بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقاپ، قولىغا توقماق كۆتۈرۈپ، مۇقىملىق ساقلاش ئەترىتىدە خىزمەت كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا شىركەت، دۇكان ۋە ئاشخانا ئاچىدىغان نۇرغۇن خىتايلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى چىڭىپ كەتكەچكە پۇل تاپالمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى دۇكانلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىشكە باشلىغان.
لى شىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» سىياسىتى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگەندەك رايوندا مىللەتلەر ئارا «ئىجىل-ئىناق ۋەزىيەت» نى ئەمەس، ئەكسىچە دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى پەيدا قىلماقتىكەن. بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ شەخسى ھاياتىنى نازارەت قىلىدىغان بۇنداق چەكتىن ئاشقان تەقىب سىستېمىسى رايوننىڭ ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» سىياسىتى بويىچە ئۆز ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قازاق كادىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لارنىڭ كۆرۈنۈشتە ئۆز-ئارا يېقىندەك تۇرغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندىكى بۇ خىل ئاتموسفېرا كىشىلەردە ئۆزىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغان كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىكەن. كىشىلەر كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن كۆڭلىدە نارازىلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇنى سىرتقا ئىپادە قىلالمايدىغان ياكى ئېغىزنى چىڭ ئېتىپ سۈكۈت قىلىدىغان ئومۇمىي كەيپىياتتا ياشايدىكەن.
بۇ خىتاي ئايال يەنە گەرچە ئۆزى ھازىر چەتئەلگە قېچىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىملىكىدە چېكىت بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتەلمەيدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تورلاشقان نازارەت سىستېمىسى ۋە چەكتىن ئاشقان مۇقىملىق تەدبىرلىرى بۇ جايغا كېلىپ سودا قىلىۋاتقان خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ سودىسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. مەيلى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بولسۇن ياكى تىجارەتچىلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر ئاماللار بىلەن تېزرەك كېتىپ، بۇ خىل مۇتلەق كونتروللۇقتىن قۇتۇلۇش ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى خىتايدىكى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بېيجىڭدىكى خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيوڭ يېقىندا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل چەكتىن ئاشقان تەقىب سىياسىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
ۋاڭ لىشيوڭ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى «مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە»، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە يەرلىك مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتايلارغا بولغان دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئاقىۋەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تېررىتورىيەسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل قاتتىققول سىياسىتى نۆۋەتتە بۇ جايغا يەرلەشتۈرۈلگەن زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە «ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقان» لىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاش ۋە ھاكىمىيەتكە يانتاياق بولۇشتەك كەيپىياتىنى پەيدا قىلغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىدا دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان چەكتىن ئاشقان مۇقىملىق سىياسىتىگە نارازى بولۇش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتىكەن.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بىر قىسىم خىتايلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل كەيپىياتتىكى خىتايلار يەنىلا ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇ يەنە رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان چەكتىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.