خىتاي مۇسۇلمانلار رايونىنى خىتايدىكى مۇھىم چوشقا باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.05
qoy-qushxana-qassap.jpg قۇشخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن قويلار. 2008-يىلى 15ئىيۇن.
AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2‏-نويابىر كۈنى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتايدىكى مۇھىم چوشقا باقمىچىلىق بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا رايوندىكى «چوشقا باقمىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا چوشقا باقمىچىلىق كەسپىنىڭ رايوننىڭ باقمىچىلىق ئىگىلىكىدىكى تىپىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك چوشقا باقمىچىلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ «مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى» بارلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ پىلاننىڭ شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان تۇتقۇنلىرىنى شۇنداقلا ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى رەت قىلىپ، چوشقا گۆشى قاتارلىق ئىسلامدا مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىشى چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى ئىستېمال قىلىش ۋە قىلماسلىقنى ئۇلاردا ئاشقۇنلۇقنىڭ بار يوقلۇقى، كومپارتىيەگە سادىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەم، دەپ قارايدىكەن.

خىتاينىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قاراتقان «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» سىياسەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خىلاپ قىلمىشى بەزى كۆزەتكۈچى ۋە پائالىيەتچىلەردە خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىغا قارىتا جىددىي سوئال پەيدا قىلغان. كانادادىكى خىتاي ئۆكتىچىسى، يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شېڭ شۆي خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ پىلان نوقۇل ئىقتىسادى مەسىلە ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ ئارقىسىغا بەزى مەقسەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ خىل باقمىچىلىقنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىر خىل تىرىكچىلىك ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولسا، بۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئېغىر ئاھانەت ھېسابلىنىدىكەن.

شېڭ شۆي 5‏-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە خىتاي چېگراسى ئىچىدە ئەڭ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان خەلق ئۇيغۇر ۋە بۇ رايوندىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇلارغا قارىتا ھەر خىل ئۆزگەرتىش ۋە ھاقارەتلەرنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۇجۇم قىلماقتا. بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بۇ قېتىم يولغا قويماقچى بولغان سىياسىتى مۇسۇلمانلارغىمۇ ئىجرا قىلىنسا، بۇ ئۇلارنىڭ نوقۇل كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى ۋە ئىقتىسادى تالان-تاراج قىلىشى بولمايدۇ. بۇ بەلكى بۇ بىر مىللەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقادى، ئەنئەنىسى، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قىلىنغان بىر ھاقارەت بولىدۇ.»

لېكىن بۇ پىلاننىڭ رايوندىكى غەيرىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ باقمىچىلىق ئىگىلىكىگە قارىتىلغانلىقى ياكى دىنىي ئېتىقادىغا قارىماي ھەممە مىللەت دېھقانلىرىنىڭ بىردەك بۇ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. خەۋەردە پەقەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2‏-نويابىردىكى يىغىنىدا چوشقا باقمىچىلىقىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئۇنى كېڭەيتىشنى تەكىتلەپ، «بازارنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى شىنجاڭ ئىچىدىكى بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا قويۇش، دۆلەت ئىچى بازىرىنى پائال ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى چوشقا بېقىش كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش» نى. . . «شىنجاڭنى غەربىي-شىمال رايونىدىكى مۇھىم چوشقا باقمىچىلىقى بازىسى ۋە چوشقا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» نى تەلەپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلىنىڭ چوشقا بېقىش-باقماسلىق مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەت ۋە كىشىلەرنىڭ قانداق ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، قانداق ئىستېمال قىلىش ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكادىكى تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس، مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەلىس ئاندېرسون 5‏-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر پىلانىغا قارىتا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا تىرىكچىلىك يولىنى تاڭماسلىقى كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئەگەر ھۆكۈمەت دېھقانلارغا ماۋۇنى يەيسەن، ئاۋۇنى قىلىسەن دېسە، بۇنىڭ بەك چاتاق بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خىلاپ سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتە ئىككى خىل ئامىلنى چىقىش قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلار ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

كانادادىكى شېڭ شۆي خانىمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر خىل ۋاسىتىلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا كىرىدىكەن. ئۇ خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقىنىنىڭ ئادەتتىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تارىخ ئىۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى نىشان قىلغان ئومۇميۈزلۈك بىر «قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا سۈكۈت قىلسا، ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شېڭ شۆي مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ مۇھىمى خەلقئارا جەمئىيەت بۇنداق بۇ ئەھۋالغا قارىتا دەرھال ئويغىنىشى كېرەك. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت كومپارتىيەنىڭ بۇ خىل ۋاسىتىلەر بىلەن بىر مىللەتكە قارىتا باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا سۈكۈت قىلسا، ئۇ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.»

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەنقىدلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايوندا «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇلۇق» قا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى، بۇ خىل ئىدېئولوگىيەنى يۇقتۇرۇۋالغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا «كەسپىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2‏-نويابىردىكى يىغىنى يەنە رايوندا «چوشقا بېقىش كەسپىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە كەسىپ قاتلىمى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىنى سوبېيكت قىلىپ، بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چوشقا باقمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ئالغا سۈرۈش» نى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر قارارى خىتايدا چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، بۇ مەسىلە خىتاي جەمئىيىتىدىكى بىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق مەسىلىسى بولۇپ قالغان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.