كورونا ۋىرۇسى مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساياھەت تەشۋىقاتى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.04.10
Sayram-koli-bulghuniwatqan-muhit-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.xjtsnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان «غەربىي رايوننى ئېچىش ۋە ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدىكى نوپۇسىنى زور دەرىجىدە تارقاقلاشتۇردى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى سۇسلاشتۇردى.

2020-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2020-يىللىق ساياھەت ئىشلىرىنىڭ جانلاندۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار كۈچەيدى.

8-ئاپرېل كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا «چېچەك مەزگىلىدە گۈزەل شىنجاڭدا ساياھەتتە بولۇڭ، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىڭ، گۈلدىن گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى سىزنى كۈتۈۋالىدۇ!» سەرلەۋھەلىك تەشۋىقات ئېلانى بېرىلگەن. بۇ ئېلاندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل ساياھەت نۇقتىلىرى تەشۋىق قىلىنغاندىن باشقا يەنە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەززىلىكلىكى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسىي تېما قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى ئوبلاست-ۋىلايەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ھەرقايسى يېزا-مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ، 4-ئاي مەزگىلىدىكى «چېچەك بايرىمى ساياھىتى» گە قارىتا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن.

بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن «ئۆرۈك ماكانى» دەپ ئاتالغان غۇلجا ناھىيىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

10-ئاپرېل كۈنى غۇلجا ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا چېچەك بايرىمى ئۆتكەن ھەپتە ئاياغلاشقان. ئەمما بۇ يىللىق چېچەك بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر ئىنتايىن ئاز بولغان.

10-ئاپرېل كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر گەرچە ھۆكۈمەت ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يېزىسىدا بۇ يىللىق چېچەك بايرىمى مەزگىلىدە يىللاردىكىدەك ساياھەت پائالىيەتلىرى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ساياھەت تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە ئاساسلىقى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىش ئاساسىي نىشان قىلىنغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2020-يىللىق ساياھەت پىلانىدا جايلاردىكى ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ 4-ئايدىن 6-ئايغىچە، 6-ئايدىن 9-ئايغىچە، 10-ئايدىن 12-ئايغىچە ئۈچ پەسىلگە بۆلۈپ، 3 كۈنلۈكتىن 15 كۈنگىچە ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللىسە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي ئايال خادىم تېلېفوننىڭ خاتا ئۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

يەنە بىر خادىم بولسا 2020-يىللىق ساياھەت ئۇچۇرلىرىنى توردىن ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ساياھەتچىلىك ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان شۇنداقلا خىتايدا پەيدا بولغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى پۈتكۈل دۇنياغا جىددىي تارقاۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتچىلىكنى كۈچەيتىش ھەققىدە نىشانلىق تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇشى چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.

5-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكادىكى «ۋايرېد» تور ژۇرنىلىدا «شىنجاڭدا ساياھەتچىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى ئىزلىرىنى يوقاتماقتا» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان فىرانسىيەلىك پاترىك ۋاكنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ھازىر بۇ رايوندا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىزلىرىنىڭ ئاساسەن غايىب بولۇۋاتقانلىقى، ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاپ تاقىمايدىغانلىقى، مۇسۇلمانلىق ياكى ئوتتۇرا-شەرق تىپىدىكى ھەرقانداق سىمۋوللارنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى، مەزكۇر رايوننىڭ ھازىر «پۈتۈنلەي باشقىچە بىر جاي» غا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالە ئاپتورى پاترىك ۋاك 2019-يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدا بىر قانچە قېتىم زىيارەتتە بولغان. ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ يېقىندا كۆرگەن ئەھۋاللاردىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوچىلاردا 20 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەركەكلەر قالمىغان. ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى بولغان مەسچىتلەر ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى چېقىۋېتىلگەنلىكى ياكى بىر قىسمىنىڭ ساقلاپ قېلىنىپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

پاترىك ۋاك يەنە ئاتالمىش خىتاي ساياھەتچىلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان. پاترىك ۋاك ماقالىسىدە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا غەيرىي بىر خىل كۆز بىلەن قارايدىغانلىقى، شۇنداقلا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي تارىخىغا باغلىنىپ، يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونى ھازىر خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ سەيلىگاھىغا ئايلىنىپ قالغان. خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىۋاتقىنى رايوننىڭ قۇملۇق مەنزىرىسى شۇنداقلا «شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى» دېيىلىۋاتقان رومانتىكلاشتۇرۇلغان تارىخىي تەشۋىقات ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ 9-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتنى جانلاندۇرۇش تەشۋىقاتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 2020-يىلىنىڭ بېشىدا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ۋەھىمىسى تېخى پۈتۈنلەي يوقالماي تۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش تەشۋىقاتىنى قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بۇ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىي پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى نىڭ 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا يۇقۇم ئېغىر بولغان خىتاي شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان بۇ خىل ساياھەت تەشۋىقاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلشات ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ساياھەتچىلىرى نىشان قىلىنغان بۇ خىل ساياھەت تەشۋىقاتلىرىدا دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، رايوننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتايلارنى ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلىشىپ قېلىشقا قىزىقتۇرۇش ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.