ئۇيغۇرلارغا يېڭى سوۋغا: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پرېزىدېنت دونالد ترامپ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-ئىيۇن، ۋاشىنگتون
ئامېرىكا پرېزىدېنت دونالد ترامپ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-ئىيۇن، ۋاشىنگتون
AP

17-ئىيۇن كۈنى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇتلۇق بىر كۈن بولدى. ئۇيغۇرلار زارىقىپ كۈتۈۋاتقان ھەمدە ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا ماقۇللانغان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىپ، خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقىرىلغان تۇنجى قانۇن بولۇپ قالدى. بۇ خەۋەر تېزدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە خەۋەر قىلغان چاقماق خەۋەر سۈپىتىدە ئامېرىكادىن غەربىي ۋە شەرقىي يېرىم شاردىكى بارلىق كىشىلەرگە مەلۇم بولدى.

ئاقساراينىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ «مەن بۈگۈن ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› نىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىمزا قويدۇم. بۇ قانۇن مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىدىيە ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى قۇرۇش ۋە تاجاۋۇزكار خاراكتېردىكى نازارەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش قىلمىشىغا شېرىك بولغان ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ،» دېدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تونۇشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇنى قىزغىن ئالقىشلىدى. شۇنداقلا بۇنى «پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئەپەندى بۇ قانۇنغا ئىمزا قويۇش ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەشتە تارىخىي بىر قەدەم ئالدى،» دېدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا قولغا كەلگەن بىر زور ئىلگىرىلەش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشنىڭ دەل ئامېرىكا ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلگەن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە سۆز قىلغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل بۇنى دىپلوماتىيە نۇقتىسىدىن ئالاھىدە زور مەنىگە ئىگە، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا مېڭىۋاتقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئوخشاش بىر قۇدرەتلىك مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قانۇن چىقىرىشى غەرب دۇنياسى ئۈچۈنمۇ غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بىر ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن.

نۇرى تۈركەل بۇ قېتىم مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مۇھىم قەدەم بولىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر داۋاسىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن بۇ قانۇننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرگە مەنبە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر قانۇن رەسمىي ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە قانداق شەكىلدە ئىجرا بولۇشى يەنە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا چېتىلىدىكەن. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەندە بۇنىڭدىكى «زۇلۇمغا شېرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش» ماددىسىنىڭ تولۇق ئىجرا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىن 18-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ‍ئۆزلىرىنىڭ بۇنى «تولىمۇ شۇم نىيەتلىك ھۇجۇم» دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا كەسكىن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا پەردازلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى بۇ ھەقتىكى بارلىق يالغان-ياۋداقلارنى ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلدى، دېيىشمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت