شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ياشلىرىنى «غەربىي رايوندا يىلتىز تارتىش» قا چاقىرىشى جىددىي دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.08.12
shi-jinping-yalghuz-suret.jpg خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ.
AFP

يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2020-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى «غەربىي رايوندا مەڭگۈ يەرلىشىش» كە رىغبەتلەندۈرىدىغان تەشۋىقات خەۋەرلىرى كۆپەيگەن.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىڭپىڭنىڭ «خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹شىنجاڭ سىنىپى› دىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا يازغان خېتى» خەۋەر قىلىنغان ئىدى. شى جىڭپىڭ خېتىدە ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق غەربىي چېگرا رايونلىرىدا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» چاقىرغان. شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر چاقىرىقى بىلەن باشلانغان خىتاي ياشلىرىنىڭ ئاتالمىش غەربىي چېگرا رايونلاردا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش ئىرادىسى» مەدھىيەلەنگەن تەشۋىقات خەۋەرلىرى نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا كەڭ يەر ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شىنخۇا تورىنىڭ 10-ئاۋغۇستىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئاساس قىلىپ، «غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى» بويىچە ئىككى يىللىق توختام بىلەن ئاساسىي قاتلاملاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە كەلگەن 392 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ 80 پىرسەنتى، يەنى 290 مىڭ نەپەر خىتاي ياش ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئاتالمىش «چېگرا رايوندىكى ئاساسىي قاتلامدا مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» نى قارار قىلغان.

ئۇندىن باشقا 2016-يىلدىن بۇيانقى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە «غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قاتارلىق غەربىي-شىمال ۋە غەربىي-جەنۇپ رايونلىرىغا يۇقىرى مائاش، يۇقىرى تەمىنات بىلەن ھەر يىلى 10 مىڭدىن 20 مىڭغا قەدەر ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارىتش» قا چاقىرىۋاتقان بۇ مەزگىل دەل 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى، 2017-يىلىنىڭ بېشىدا باشلانغان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە ئەسلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاساسىي قاتلام ۋە مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپلەردىن تامامەن سىقىپ چىقىرىلغان مەزگىلگە توغرا كېلىشى جىددىي دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەييارلاۋاتقان دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىتاي ياشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز مىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈلۈش ھەرىكىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» تاكتىكىنى يولغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي نوپۇسىنى تېز ئارىدا كۆپەيىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ياشلىرىنى «غەربىي رايوندا مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» چاقىرىقىنىڭ، خىتاينىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە خىتاي رەئىسى ماۋزېدوڭنىڭ ياشلارنى «يېزىلاردا يىلتىز تارتىش» چاقىرغانلىقىغا ئوخشاش بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك سىياسىي چاقىرىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىشتىن باشقا، يەنە خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ «غەربىي رايوندا مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» ھەرىكىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ماۋزېدوڭ قوزغىغان خىتاي ياشلىرىنى «چېگرا رايونلاردا يىلتىز تارتىش» چاقىرىقىدىنمۇ قەبىھ ھەرىكەت ئىكەن.

زۇبەيرە خانىم ئاخىرىدا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.