«ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ياپونچىسى نەشردىن چىقتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.12.03
uyghurlar-kitab-yaponche.jpg تونۇلغان مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ياپونچە نۇسخىسىنىڭ مۇقاۋىسى.
Oqurmen Teminligen

تونۇلغان مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ياپونچە تەرجىمىسى يېقىنقى كۈنلەردە نەشردىن چىقتى.

ئەسەرنىڭ تەرجىمانى ئازۇما ئاياكو خانىم نەشرگە تەييارلىغۇچى ياپونىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى مۇرا كوتارو ئەپەندىلەر بولۇپ. كىتاب 15-دېكابىر رەسمىي ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ھەر جەھەتتىكى مەۋجۇتلۇقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، مەزكۇر كىتابنىڭ ياپون تىلىدا نەشردىن چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ، ئۇنتۇلماس ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي ئەمگەك مېۋىلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى، ئۇنىڭ 1980-يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى»، «تۈركلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى ياش ئەۋلادلارنى ئۆز مىللىي تارىخىنى ھەقىقىي بىلىش، ئۆزىنىڭ خانلىق تارىخىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ھازىرغىچە بىر قانچە چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغانىدى.

«ئۇيغۇرلار» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ياپونچە تەرجىمە نۇسخىسى، يېقىنقى كۈنلەردە ياپونىيە شيۇكوشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، 15-دېكابىر ياپونىيەدە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن.

ياپونىيەدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس نۇر خانىم، ئۇيغۇرلار ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتابلاردىن «ئۇيغۇرلار» ناملىق ۋەكىللىك كىتابنىڭ ياپون تىلىدا نەشر قىلىنىشى ياپونىيەگە ئۇيغۇرلارنى ھەر تەرەپتىن تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن زور ئىلمىي قىممەتكە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ كىتابى 1980-1990-يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ئۆز تارىخى يىلتىزىنى ئىزدەش ۋە تارىخ ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاش رولىنى ئوينىغانىدى. بىراق، «ئۇيغۇرلار» نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىتابلارنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى بويىچە «ئۈچ كىتابنى تەنقىدلەش» ھەرىكىتى قوزغىدى ۋە مەزكۇر كىتاب خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىنىپ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنىدى.

«ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسەرنىڭ تەرجىمانى ئازۇما ئاياكو خانىم نەشرگە تەييارلىغۇچى ياپونىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى مئۇرا كوتارو ئەپەندىلەر ۋاقىت پەرقى سەۋەبلىك گەرچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوبزورچى مئۇرا كوتارو ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ ياپونچە نەشرىگە يازغان كىرىش سۆزىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ بۇ يازمىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006-يىلدىن 2008-يىلغىچە خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان «شىنجاڭ تارىخى رەسىملىك ژۇرنىلى» نىڭ مەزمۇنى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان «تارىخ» ئۆگىتىدىغان رەسىملىك كىتابى ۋە شۇ ئاساسلاردا ياپونىيەدە چىققان بەزى تارىخى كىتابلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي تارىخ بۇرمىلانغانلىقىنى، بۇ ئەسەرلەردە بۇ يەر ئەلمىساقتىن خىتاينىڭ بىر قىسمى، بۇ يەردە تۇرۇشلۇق خەلق، يەنى ئۇيغۇرلار قەدىمدىن خىتاي دۆلىتىگە بويسۇنۇپ، بېقىنىپ كەلگەن دېگەندەك تارىخلارنىڭ تەرغىب قىلىنغانلىقى، «ئۇيغۇرلار» ناملىق تۇرغۇن ئالماسنىڭ كىتابىدىكى تارىخىي پاكىتلارنىڭ بۇ خىل قاراشلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر خىتاي تارىخىي ئەسەرلىرىدە «شىنجاڭ ئەلمىساقتىن بېرى خىتاينىڭ ئايرىلماس زېمىنى» دەۋېلىنىپ، خىتاي سۇلالىرى بىلەن ھېچ مۇناسىۋەتسىز ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولغان ھۇن ۋە تۈرك قاغانلىقلىرى ۋە ئاتلىق مىللەتلەر بىنورمال ھالدا تاجاۋۇزچى ۋە ئەسكى قىلىپ ئىنكار قىلىنغان ھالەتتە يېزىلىپ، ئۇلار ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. مانا بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تاڭغان ۋە دەۋاتقان «شىنجاڭ تارىخى» نىڭ ماھىيىتىدۇر. مۇرا كوتارو ئەپەندى ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرگە خىتاينىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغان قاراشتىكى تۇرغۇن ئالماسنىڭ تارىخى باياناتلىرىنى مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەپسىلاتىدىن ئوقۇپ چۈشىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئوبزورچى مئۇرا كوتارو ھازىر يەنە خىتاينىڭ ئۆز تارىخىي قاراشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ: «2019-يىلدىكى بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ھېچ بىر گۇناھسىز ھالدا، ئارقا-ئارقىدىن ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› دېگەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىنىپ، ئۇيغۇرلۇق كىملىكى يەنى مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى تاشلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇشقا قەسەم قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا ھەم پەرزەنتلىرى بولسا مانا بۇ كىتابتا يېزىلغان مەزمۇنلار مەجبۇرىي تېڭىلىپ مېڭىسى يۇيۇلماقتا. مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر دەۋردە، ئۇيغۇرلار ئۆزى يېزىپ چىققان بىردىن-بىر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى ئەسىرى بولغان بۇ كىتاب ئىنتايىن مۇھىم ۋە زور ئەھمىيەتكە ئىگە»، دەپ باھا بەرگەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ دۇنيادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە نەشرى ئەسەرلەرمۇ كۆپەيمەكتە. «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ياپون تىلىدا نەشردىن چىقىشى ب ئۇنىڭ بىر مىسالى. تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئۆلمەس كىتاب «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلغان ۋە بىر ئۆمۈر ئائىلىسى بويىچە بەدەل تۆلىگەن. مەرھۇم تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئوغلى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ مانا بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلار دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتۇشقا ئەڭ ئېھتىياج بىر پەيتتە ياپون تىلىدا نەشر قىلىنىشىنى «تولىمۇ ئەھمىيەتلىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى، «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئوقۇشلۇق ئەسەر بولسا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا بىر ئاساسىي ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ كىتابنىڭ ھەر خىل تىللاردا نەشر قىلىنىشىغا ئەمگەك سىڭدۈرگۈچىلەرگە دادىسىنىڭ روھى ۋە ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن تەشەككۈر ئېيتتى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى ئالدى بىلەن 1990-يىللاردا قازاقىستاندىكى يازغۇچى خەمىت ھەمرايوف تەرىپىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان. 2010-يىلى يەنە تۈركچە تەرجىمە قىلىنىپ، سېلېنگا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر يەنە 2018-يىلى ئەرەب تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ تەكرار يورۇق كۆرگەنىدى.

تۇرغۇن ئالماس 1924-يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتى 1940-يىللاردىن باشلانغان.

تۇرغۇن ئالماس ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان كۆپ ساندا شېئىرلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان. ئۇ، 1980-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، بۇ تېمىدا بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ خېلى دەرىجىدە يامانلاشقانلىقىغا قارىماي «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئۇيغۇرلار»، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى»، «تۈركلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ كىتابىدىن باشقىلىرى نەشر قىلىنىشتىن قالدۇرۇلغانىدى.

قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى يەنە، ئاتىسى مەرھۇم تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەۋلادلار تەرىپىدىن پەقەت يازغۇچى ياكى تارىخچى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزگەن ۋە قەلەم تەۋرەتكەن ھەمدە كۈرەشكەن بىر ئىنقىلابچى سۈپىتىدە ئەسلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق ئۈچ كىتابى 1990-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە تەنقىد قىلىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقى چەكلەنگەنىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا تۇرغۇن ئالماس ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان ھۆرمەت ۋە ئېتىبار ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچەيگەن ئىدى. تۇرغۇن ئالماس 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 77 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.