«2024-يىللىق UyghurSTEM تېخنىكا فېستىۋالى» دا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ تالانتى نامايان بولدى
2024.02.22
2024-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن UyghurSTEM تېخنىكا پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 18-فېۋرال، ئىستانبۇل
ئىستانبۇلدىكى «UyghurSTEM» نامىدىكى مەكتەپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تېخنىكا جەھەتتىكى ئاساسىي پەنلەرنى ئۆگىتىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.
مەزكۇر مەكتەپتە 2024-يىللىق قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە 20 كۈنلۈك دەرس ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ دەرسكە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان. ئۇلارغا كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوت ياساش دەرسلىرى ئۆتۈلگەن.
«UyghurSTEM» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس پىروگراممىلىرىغا ئاساسەن سۈنئىي ئەقىل (AI)، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ھەر تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان ھەم تېخنىكا مودېللىرىنى ياساپ چىققان. بالىلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 2019-يىلى UyghurSTEM قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھەر يىلى تېخنىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن بولۇپ، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۇلار «2024-يىللىق UyghurSTEM تېخنىكا فېستىۋالى» نى ئۆتكۈزدى.
فېستىۋالغا قاتناشقان ماھىرلار ئايروپىلان ياساش، روبوت، يەنى ماشىنا ئادەم ياساش، روبوتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، كومپيۇتېر ئويۇنچۇقلىرى ياساش دېگەنگە ئوخشاش ھەر تۈرلۈك تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ئۆزلىرى ياساپ چىققان قىزىقارلىق ياسالمىلارنى كۆرگەزمىگە قويغان.
بىز كۆرگەزمە ئېچىلغان ئورۇننى نەق مەيداندىن زىيارەت قىلىپ، ئۆزلىرى ياسىغان ئويۇنچۇق ۋە روبوتلارنى كۆرگەزمىگە قويغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
ئابدۇراخمان ئىسىملىك 12 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆزىنىڭ «UyghurSTEM» دە روبوت ياساش ۋە كودلاشنى ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە بىر يىل ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن 2-ۋە 3-يىلىدىن باشلاپ، ھەم ئۆگىنىپ ھەم ئۆسمۈرلەرگە پىروگرامما تىللىرى بويىچە دەرس ئۆگەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ چوڭ بولغاندا كومپيۇتېرى ئىنژېنېرى بولىدىغانلىقىنى، شۇ كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھۇمەيرە مەمەتئېلى تەۋپىق ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆزىنىڭ قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، «UyghurSTEM» دە دەرسكە قاتنىشىپ بىر ئاي ئىچىدە كودلاش ۋە روبوت ياساش تېخنىكىلىرىدىن ئاساسقا ئىگە بولغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان روبوت ياساپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئائىت ئايروپىلان تېخنىكىلىرى، ھەر خىل پەن-تېخنىكلىرى بولۇشى ئۈچۈن كومپيۇتېر تېخنىكىلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئۆگىنىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن» .
ئابدۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆزى ياسىغان روبوتنى كۆرگەزمىگە قويغان بولۇپ، ئۇ بىزگە روبوتنى قانداق ياسىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، پىروگرامما كودى ئارقىلىق روبوتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان قىلىپ ياساپ چىققان. ئۇ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە ئايروپىلان ياساش ئىنژېنېرى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
روبوت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ئايبىكە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئايبىكە خانىم مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ ياسىغان روبوتلىرى ۋە ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم، بىزنىڭ باللىرىمىز ناھايىتىمۇ ئەقىللىق، باللىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيەلەشكە ئېھتىياجى بار، بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ كەلگۈسىدە مۇشۇنداقلا ئۆگىنىدىكەن، مۇشۇنداق پۇرسەتلەرنى بەرسەك تەبىئىي پەن جەھەتتە كۆپ ئالىملىرىمىز ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن».
بىز يەنە «UyghurSTEM» گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمتىمىن نۇرىدىن مۇئەللىمنى زىيارەت قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ۋە مەزكۇر فېستىۋال ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئالدى بىلەن UyghurSTEM ھەققىدە سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «2019-يىلىدىن باشلاپ UyghurSTEM دېگەن ئىسىم بىلەن بالىلارغا كومپيۇتېر، پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوتلار ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئالاقىدار دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 800 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى يۈزتۇرانە ۋە تور يۈزى ئارقىلىق دەرسكە قاتناشتى. STEM تەبىئىي پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق، ماتېماتىكا قاتارلىق 4 ساھەنىڭ ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچىسىنىڭ باش ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوقۇل ھالدا ئەستە ساقلاشقا تايىنىدىغان ۋە پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئەكسىچە، مەسىلە ھەل قىلىش تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئۆگەنگەنلىرىنى رېئال دۇنيادا (كۈندىلىك ھاياتتا) ئەمەلىي قوللىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئىجادكارلىقىنى ئۆستۈرىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشچىسىنى ئاشۇرىدۇ. STEM مائارىپى ئەمەلىي دۇنياغا تەدبىقلىغىلى بولىدىغان بىلىم ۋە تەجرىبىنى ئوقۇغۇچىلاردا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن لايىھە ئىشلەش ئاساسىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇھىتنىڭ ئۆزئارا تەسىر قىلىشىنى ئاشۇرىدۇ ۋە بۇ STEM شەكلى ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشتىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بولغان كەڭ جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سوئال: بالىلارنىڭ دەرسلەرگە قىزىقىشى قانداق؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بەكلا يۇقىرى، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى كومپيۇتېر پىروگراممىسى يېزىپ، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى لايىھەلەپ ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، روبوتلارنى ياسىيالايدىغان بولغاچقا بۇنداق ئىشلار ئۇلارنى بەكلا ئاسان جەلپ قىلىۋالىدىكەن. ئادەتتە دەرس پىروگراممىلىرىمىزدا ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىدىغان، ئۆگىنىدىغان، ئەمەلىي تەجرىبە قىلىدىغان مەزمۇنلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك پەقەت بۇ قېتىمقى زىچلاشتۇرۇلغان تەربىيەلەش پىروگراممىمىزدا بالىلار 100 سائەتتىن كۆپرەك دەرسكە قاتناشتى، 100 سائەت دەرس ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىگە بارسا بىر يىلدا ئوقۇيدىغان دەرسلىرىنىڭ مىقدارىدىنمۇ كۆپرەك بولىدۇ، بالىلار UyghurSTEM دەرسلىرىدە ناھايىتى كۆپ ۋە كەڭ دائىرىلىك مەزمۇن بىلەن تونۇشىدىغان بولغاچقا، ئۆز مەكتەپلىرىگە بارغاندا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەردە ناھايىتى تېزلا باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى بولۇپ كېتىدۇ.
سوئال: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش پىروگراممىسى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز
بۇ قېتىم 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ بالىلارغا قىشلىق (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) تەربىيەلەش پىروگراممىسىنى يولغا قويغان ئىدۇق، بۇ تەربىيەلەش پروگراممىسى 20 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، بەش كۈن يۈزتۇرانە دەرس، قالغان 15 كۈندە توردا دەرس بولۇپ جەمئىي 100 سائەتتىن كۆپرەك دەرس ئوقۇدۇق، دەرسكە 40 قا يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشتى، بۇ، كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەۋىيەدىن باشلاپ، سى پلاس پلاس (C++) تىلى، ئېلېكتىرون ۋە مىكرو كونتروللىغۇچ ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەر، ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھەلەش، ھازىر مودا بولۇۋاتقان سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىدىن قانداق پايدىلىنىش قاتارلىق تېمىلاردا مول مەزمۇنلۇق بىر تەربىيەلەش پىروگراممىسى بولدى، بىز يەنە تالانتلىقلارنى بايقاشقا ئەھمىيەت بەردۇق، ئالدىنقى يىللاردا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆسمۈرلەرنى ئۆز تەڭتۇشلىرىغا دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەر جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى بولدى.
سوئال: بۇ قېتىمقى «UyghurSTEM زەرەتلەش كۈنى» ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز
بولىدۇ، بىز 2019-يىلىدىن بۇيان يىلدا بىر ياكى بىر قانچە قېتىم كىچىك بالىلار ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز، بۇ قېتىم 2024-يىللىق قىشلىق (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) تەربىيەلەش پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، «UyghurSTEM زەرەتلەش كۈنى» دېگەن نامدا بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق، ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغاندەك بۇ پائالىيەت بالىلارنى زەرەتلەشنى، بالىلارنىڭ بىلىم ۋە تېخنىكىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، پائالىيەتتە نەق مەيداندا قىزىقارلىق خىمىيەلىك تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ كۆرسەتتۇق، مىكروسكوپتا خىلمۇخىل جانلىقلارنى كۆزەتتى، بالىلار دەرستە ئۆگەنگەنلىرى ئاساسىدا ئۆزلىرى ياسىغان خىلمۇخىل روبوتلارنى، مودېللارنى كۆرگەزمە قىلدى. پائالىيەتنىڭ قوشۇمچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سۈپىتىدە يەنە «UyghurSTEM سۈنئىي ئەقىل رەسىم كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈپ بالىلارنىڭ سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلدۇق.
سوئال: بۇ دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت نېمە؟
دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن ئادەم يېتىشىپ بولغۇسىز دەرىجىدە بەك تېز بولۇۋاتىدۇ، بۇرۇنلاردا مەلۇم قېلىپ ۋە قائىدە بويىچە تەكرارلىنىدىغان ئىشلارنى كومپيۇتېر ۋە روبوتلار ياخشى قىلالىسىمۇ لېكىن ئىنسانغا ئوخشاش ئىجادىيلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە ئىشلارنى ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئالالمايدۇ دەپ قارىلاتتى، ئەمما ھازىر قارايدىغان بولساق، سۈنئىي ئەقىل ھەتتا سەنئەتكارلارنىمۇ تاڭ قالدۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزگىرىشلەرگە ئىنكاسسىز قالماسلىقىمىز كېرەك، بۇ ساھەدىمۇ تېگىشلىك نېسىۋىمىزنى ئېلىشىمىز، تۆھپە قوشۇشىمىز، نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
سوئال: سىزچە ئۇيغۇرلار پەن تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟
ئەمەلىيەتتە تېخنىكا ساھەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە تېز باش كۆتۈرۈپ چىقالايدىغان بىر ساھەسى دەپ قارايمەن، ھازىر قارايدىغان بولساق ئىقتىسادىي كۈچى ئەڭ زور شىركەتلەر، مىلياردېرلار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئورۇن ئالغان زەردارلارنىڭ ھەممىسى تېخنىكا ساھەسىدىن چىقىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق ئۇچۇر تېخنىكىسىدەك ساھەلەرگە كۆپلەپ يۈرۈش قىلىپ، بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ قىزىقتۇرۇپ بۇ ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ، شىركەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە بۇ ئىقتىسادىي گۈللىنىش باشقا بارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن.









