پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت: «ۋىرۇستىن كېيىنكى ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.05.01
alimjan-inayet-sozde.jpg تۈركىيە ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە.
RFA/Erkin Tarim

1-ماي كۈنى ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت يازغان «ۋىرۇستىن كېيىنكى دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. ئۇ ماقالىسىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيادا ھېچبىر نەرسىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى، بەزى مۇتەخەسسىسلەر دۇنيا ئىقتىسادى بوھرانغا دۇچ كېلىدۇ دەۋاتقان بولسا، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئىشسىزلىق كۆپىيىپ جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ دەۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەرشارىلىشىش توختاپ، دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى يازغان.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ماقالىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

راستىنىلا دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۆزگىرەرمۇ؟ پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «بۇ ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قانداق پۇرسەت ۋە ئىمكانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالغا ئالدى بىلەن ئىجابىي جەھەتتىن جاۋاب بېرىپ، كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىنكى كەلگۈسىدە خىتاي ئىقتىسادى تۆۋەنلەپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، تەيۋەن بىلەن خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەسىلىگە سەلبىي جەھەتتىنمۇ قاراپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقاندەك كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىن خىتاي زور كۈچ بولۇپ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىگە چىقىپ قالسا ياكى چېگراسىنى تاقاپ ئۆز ئىچىگە بېكىنىۋالسا، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قېلىشى» مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ۋىرۇستىن كېيىنكى دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملار نەتىجىسىدە گۇمران بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ بۇ داۋالغۇشتا مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.