فىرانسىيەدە ۋاڭ يىغا، ميۇنخېندا چېن چۈەنگوغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.08.28
fransiye-wang-yi-namayish.jpg فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە ھەرساھە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن خىتايغا نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 28-ئاۋغۇست، فىرانسىيە
RFA/Ekrem

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتى تۈرلۈك قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى.

ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە چاقماق تېزلىكىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 26-ئاۋغۇست گوللاندىيەدە، 27-ئاۋغۇست نورۋېگىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەنىدى. ئۇ 28-ئاۋغۇست فىرانسىيەگە قەدەم قويۇشى بىلەنلا فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە ھەرساھە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.

«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىرقەدىر مىرزاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا قارشى بۇ نامايىش پايتەخت پارىژدىكى فىرانسىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەكبەر ئەپەندىمۇ نامايىشنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق سادالىرى ئىچىدە 2 سائەت داۋام قىلغانلىقىنى، نامايىشتا فىرانسىيە پىرىزدېنتى ماكروندىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىپ شوئارلار توۋلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نامايىشتا يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ھەم بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى گېرمانىيە بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا زىيارەتتە بولىدىكەن. د ئۇ ق نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدىن بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار 31-ئاۋغۇست كەچتە يولغا چىقىپ 1-سېنتەبىر بېرلىنغا يېتىپ بېرىپ ۋاڭ يىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن.

28-ئاۋغۇست يەنە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىگە ئولتۇرۇپلا ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغانلىقىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتى بىلەن «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.